بورىل: تۈركىيە بىلەن زىتلىشىپ مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولمايدىغانلىقى ئايان

ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە بىخەتەرلىك ئىشلىرى سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى جوسېپ بورېل، تۈركىيە بىلەن زىتلىشىپ مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنىڭ ھەممىگە ئايان ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1491044
بورىل: تۈركىيە بىلەن زىتلىشىپ مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولمايدىغانلىقى ئايان

+ تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بورېل، ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن، شەرقىي ئاقدېڭىز ۋە تۈركىيەنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان تاشقى مۇناسىۋەتلەر تېمىلىرىدىكى ئومۇمىي كېڭەش يىغىنىدا، پارلامېنت ئەزالىرىغا قىلغان خىتابىدا، تۈركىيە بىلەن زىتلىشىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىنى نورماللاشتۇرغىلى بولمايدىغانلىقىنى، چۈنكى ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى پەقەت دىيالوگ ۋە مۇزاكىرىلەر ئارقىلىقلا ھەل قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى سۈركىلىشنى پەسەيتىش يولىدا ياز ئايلىرىدا تىرىشچانلىق كۆرسىتىلدى، بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە توغرا كېلىدۇ. تۈركىيەنىڭ <ئورۇچ رەئىس> ناملىق پاراخوتىنىڭ ئانتاليا پورتىغا كېتىشى، توغرا تاشلانغان بىر قەدەمدۇر. بۇمۇ بىزگە دىيالوگ ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ قەدەم تاشلاشقا بولىدىغانلىقى توغرۇلۇق ئۈمىد چىرىغى ياندۇرۇپ بەرمەكتە. بىز بۇ كىرىزىسنى ھەربىي ئۇسۇللار بويىچە ئەمەس، دىيالوگ ۋە مۇزاكىرىلەر ئارقىلىق ھەل قىلىمىز. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىمەنكى، تۈركىيە بىلەن زىتلىشىپ ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلغىلى بولمايدىغانلىقى ھەممىگە بەش قولدەك ئايان. بىزمۇ تۈركىيە بىلەن زىتلىشىشنى خالىمايمىز. دەرۋەقە، تۈركىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مۇھىم بىر قوشنىسىدۇر. يەنە بىر مۇھىم نۇقتا شۇكى، جۇغراپىيەنى ئۆزگەرتىشىمىز مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا، تۈركىيە بىلەن قوشنا بولۇشنى داۋاملاشتۇرىمىز. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، تۈركىيە كۆچمەنلىكنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپلىگەن مەسىلىلەردە مۇھىم ھەمراھىمىز ھېسابلىنىدۇ. مەسىلەن، كۆچمەنلەر ئېقىنلىرى كىرىزىسىنى تۈركىيەنىڭ ياردىمىسىز ھەل قىلىشنىڭ قىيىنلىقىنى ئوبدان بىلىمىز. يەنە بىرى، تۈركىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا نامزات بىر دۆلەتتۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر