پاكىستاننىڭ كونتروللۇقىدىكى كەشمىرە  بىر كىچىك قىز ھىندىستان ئەسكەرلىرىنىڭ ئوقىدا قازا قىلدى

كەشمىرنىڭ پاكىستان كونتروللۇقىدىكى قىسمىدا ھىندىستان ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ئېتىلغان ئوقتا بىر كىچىك قىز قازا قىلدى.

1490041
پاكىستاننىڭ كونتروللۇقىدىكى كەشمىرە  بىر كىچىك قىز ھىندىستان ئەسكەرلىرىنىڭ ئوقىدا قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان ئارمىيەسى ھىندىستان ئەسكەرلىرىنىڭ جۈمە كۈنى (2020-يىلى 11-سېنتەبىر) كەچتە ئۇزۇن مۇساپىلىق ۋە ئېغىر تىپتىكى قوراللار بىلەن كونتىروللۇق لىنىيەسدىكى پاكىستان چېگرا يېزىلىرىدىن ھوتسپىرىڭ ۋە راخچىكرىغا «سەۋەبسىز» ئوق چىقارغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئېتىلغان ئوقتا 11 ياشلىق بىر قىزنىڭ قازا قىلغانلىقى، 75 ياشلىق ئايالنى قوشقاندا، 4 نەپەر كەنت ئاھالىسىنىڭ ئېغىر يارىلانغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

ئوق چىقارغان ھىندىستان ئەسكەرلىرىگە پاكىستان ئارمىيەسىنىڭمۇ جاۋاب قايتۇرغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمۇ چېگرادا سەۋەبسىز ئوق چىقارغانلىقى يۈزىسىدىن ھىندىستان ئەلچىسىنى مىنىستىرلىققا چاقىرغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ھىندىستان ئارمىيەسى باياناتچىسى لېيتېنانت پولكوۋنىك دەۋېندېر ئاناند بولسا، پاكىستان ئارمىيەسىنىڭ شەنبە ۋە يەكشەنبە كۈنلىرى چېگرادا بىر قىسىم ھىندىستان ھەربىي بازىلىرىنى ھۇجۇم نىشانى قىلغانلىقىنى، ھىندىستان ئەسكەرلىرىنىڭ قارشى تەرەپنىڭ ھۇجۇمىغا تېگىشلىك شەكىلدە جاۋاب قايتۇرغانلىقىنى ۋە ھىندىستان تەرەپتە ئادەم ئۆلۈش ياكى يارىدار بولۇش ھادىسىسى كۆرۈلمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر