خىتاينىڭ «TikTok» ناملىق ئەپى ئامېرىكادا قىيىن كۈنلەرگە قالدى

خىتاينىڭ «ByteDance» شىركىتى ئىگىدارچىلىقىدىكى «TikTok» ناملىق ئەپنىڭ ئامېرىكا مەشغۇلاتىنى مىكروسوفتقا ساتالمايدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1490074
خىتاينىڭ «TikTok» ناملىق ئەپى ئامېرىكادا قىيىن كۈنلەرگە قالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىرەر ئامېرىكا شىركىتىگە سېتىلىىشى ئۈچۈن «TikTok» قا بېرىلگەن ۋاقىتنىڭ ئۇزارتىلمايدىغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، بۇ ئەپنى ئامېرىكا مەشغۇلاتىنى سېتىۋىلىش ئۈچۈن مۇزاكىرىلىشىۋاتقان مىكروسوفت شىركىتى بايانات ئېلان قىلدى.

مىكروسوفت ئېلان قىلغان باياناتىدا، «ByteDance» شىركىتى ئىگىدارچىلىقىدىكى «TikTok» ناملىق ئەپنىڭ، ئامېرىكا مەشغۇلاتىنى مىكروسوفتقا ساتالمايدىغانلىقىنى شىركەتكە ئۇقتۇرۇپ قويغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا: «دۆلەت بىخەتەرلىك مەنپەئەتىنى قوغداش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىزنىڭ تەكلىپىمىزنىڭ <TikTok> ئابونتلىرى ئۈچۈن ياخشى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز» دېيىلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن «The Wall Street Journal» گېزىتىنىڭ نامسىز مەنبەلەرنى ئاساس قىلغان خەۋىرىدە، «ByteDance» شىركىتى ئىگىدارچىلىقىدىكى «TikTok» نىڭ ئامېرىكا مەشغۇلاتى ئۈچۈن «Oracle» شىركىتى بىلەن كېلىشكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.  

مەزكۈر خەۋەردە يەنە، بۇ كېلىشىمنى بىۋاسىتە سېتىشقا قەتئىي ئۆزگەرتكىلى بولمايدىغانلىقىمۇ تەكىتلەندى.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ 3 – ئاۋغۇستتىكى باياناتىدا، ئەگەر ئامېرىكا مەشغۇلاتى بىرەر ئامېرىكا شىركىتىگە سېتىلمىغان تەقدىردە، خىتايغا تەۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى «TikTok» نى 15 – سېنتەبىردە پۈتۈنلەي  چەكلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

تىرامپ يەنە «TikTok» قا بېرىلگەن ۋاقىتنىڭ ئۇزارتىلمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، «يا بىز بىخەتەرلىك سەۋەبىدىن <TikTok> نى بۇ دۆلەتتە  پۈتۈنلەي تاقايمىز  ياكى بۇ ئەپ بىرەر ئامېرىكا شىركىتىگە سېتىلىدۇ» دېگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر