دۇنيادا ۋابا سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 900 مىڭدىن ئاشتى

دۇنيا مىقياسىدا ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 928 مىڭ 290 دىن، يۇقۇملانغانلار سانى 29 مىليون 185 مىڭدىن ۋە سالامەتلىكى ياخشىلانغانلارنىڭ سانى 21 مىليون 31 مىڭدىن ئاشتى.

1490093
دۇنيادا ۋابا سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 900 مىڭدىن ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىگە جايلاشقان بىرازىلىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە 415 كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلىشى بىلەن، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ جەمئىي سانى 131 مىڭ 625 كە چىقتى. ئوخشاش ۋاقىتتا، 14 مىڭ 768 كىشى يۇقۇملاندى. بۇنىڭ بىلەن، ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ جەمئىي سانى 4 مىليون 330 مىڭ 455 كە چىقتى.

مېكسىكادا يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 217 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. بۇنىڭ بىلەن جەمئىي سان 70 مىڭ 821 گە چىقتى. ئوخشاش ۋاقىتتا، 4 مىڭ 408 كىشىنىڭ يۇقۇملىنىشى بىلەن، جەمئىي يۇقۇملانغانلار سانى 668 مىڭ 381 گە چىقتى.

فىرانسىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن ئالتە كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلىشى بىلەن جەمئىي سان 30 مىڭ 916 گە چىقتى. ئوخشاش ۋاقىتتا، 7 مىڭ 183 كىشىنىڭ يۇقۇملىنىشى بىلەن، جەمئىي يۇقۇملانغانلار سانى 381 مىڭ 94 كە چىقتى.

ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 35 مىڭ 610 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان ئىتالىيەدە، يېقىنقى 24 سائەتتە 1 مىڭ 458 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى بىلدۈرۈلدى. بۇنىڭ بىلەن، ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ جەمئىي سانى 287 مىڭ 753 كە چىقتى. 20 مەمۇرىي رايونغا بۆلۈنگەن ئىتالىيەدە، بۈگۈن (2020-يىلى 14-سېنتەبىر) 13 مەمۇرىي رايوندا 5.6 مىليون ئوقۇغۇچى يېڭى مەۋسۇملۇق ئوقۇش باشلايدۇ.

ئاۋستىرالىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ كۆپ ئۆلۈم ۋە يۇقۇم ۋەقەلىرى كۆرۈلگەن ۋىكتورىيا ئىشتاتىدا يەنە يەتتە كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. بۇنىڭ بىلەن، ئاۋستىرالىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ جەمئىي سانى 817 گە، يۇقۇملانغانلار سانى 26 مىڭ 651 گە چىقتى.

ھىندىستاندا يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋبىدىن 1 مىڭ 136 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. بۇنىڭ بىلەن جەمئىي سان 79 مىڭ 722 گە چىققان بولدى. ئوخشاش ۋاقىتتا، 92 مىڭ 71 كىشىنىڭ يۇقۇملىنىشى بىلەن، جەمئىي سان 4 مىليون 846 مىڭ 427 گە چىقتى.

سەئۇدى ئەرەبىستان ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى يولغا قويۇلغان تەدبىرلەر رامكىسىدا يىل بېشىدىن تارتىپ چېگرادىن كىرىش-چىقشىلارغا كەلتۈرۈلگەن بارلىق چەكلىمىلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر