بېلارۇسىيەدە 400 دىن ئارتۇق نامايىشچى تۇتۇلغان

بېلارۇسىيەدە پىرېزىدېنتلىق سايلىمىنىڭ نەتىجىسىگە نارازىلىق بىلدۈرۈلۈپ، پايتەخت مىنسك (Minsk) تا ئۆتكۈزۈلگەن رۇخسەتسىز نامايىشلاردا 400 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ تۇتۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1490054
بېلارۇسىيەدە 400 دىن ئارتۇق نامايىشچى تۇتۇلغان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بېلارۇسىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئولگا چېمودانوۋا (Olga Çemodanova)تۈنۈگۈن (2020-يىلى 13-سېنتەبىر) شۇ يەر ۋاقتى 19:00 دىن باشلاپ مىنسكتىن باشقا دۆلەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان نامايىشلارنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئۇ رۇخسەتسىز ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلاردا، مىنسكتا 400 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ تۇتۇلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بەزى رايونلاردىكى نامايىشلاردا 100 گە يېقىن نامايىشچىنىڭ ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلىشقا ئۇرۇنغانلىقىنى، ساقچىلارنىڭ بولسا، يەل مىلتىق بىلەن ئاسمانغا قارىتىپ ئوق چىقىرىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى، ئەمما ساقچىلارنىڭ ئاۋاز بومبىسى ئىشلەتمىگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ ۋىتېبسك (Vitebsk) شەھىرىدىكى نامايىشلاردا 14 كىشىنىڭ تۇتۇلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

بېلارۇسىيەدە 2020-يىلى 9-ئاۋغۇست ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا ھازىرقى پىرېزىدېنت ئالېكساندىر لۇكاشېنكو (Aleksandr Lukaşenko) غەلىبە قىلغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، سايلاملاردا ساختىپەزلىك قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ نامايىشلار پارتلىغان ئىدى.

نامايىشچىلار قايتىدىن سايلام ئۆتكۈزۈشنى ۋە ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر