ئىسرائىلىيەدە باش مىنىستىر بىنيامىن نېتانياھۇغا قارشى نامايىشلار داۋاملاشماقتا

ئىسرائىلىيەدە مىڭلىغان كىشى چىرىكلىك دېلوسى ۋە كوۋىد-19 يۇقۇمىغا قارشى كۈرۈشتىكى مەغلۇبىيىتى سەۋەبىدىن باش مىنىستىر بىنيامىن نېتانياھۇغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى.

1489621
ئىسرائىلىيەدە باش مىنىستىر بىنيامىن نېتانياھۇغا قارشى نامايىشلار داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نامايىشچىلار غەربىي قۇددۇستىكى باش مىنىستىرلىق تۇرالغۇسى ئالدىدا يىغىلىپ، نېتانياھۇنى ئىستىپا بېرىشكە چاقىردى.

«قارا بايراق ھەرىكىتى» دەپمۇ بىلىنىدىغان گۇرۇپپا تەرىپىدىن تەشكىللىگەن نامايىشقا مىڭلىغان كىشى قاتناشتى.

ئەتراپتا كەڭ – كۆلەملىك  بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى يولغا قويۇلدى. ساقچىلار نامايىش ئۆتكۈزۈلىدىغان رايونغا تۇتىشىدىغان يوللارنى قامال قىلدى.

نامايىشچىلار ھۆكۈمەتنىڭ كوۋىد -19 يۇقۇمى سەۋەبىدىن پۈتۈن مەملىكەتتە كارانتىنانى يولغا قويۇش پىلانىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

نامايىشچىلار نېتانياھۇغا قارىتىلغان «جىنايەت باش مىنىستىرى» دېگەن پىلاكاتلارنى كۆتۈرۈپ، پات - پات «بىبى (نىتانىياھۇ) ئۆيىڭگە قايت!» دېگەن شۇئارلارنى توۋلىدى.

كوۋىد -19 يۇقۇمىنىڭ ئىككىنچى دولقۇنىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ۋە ئىشسىزلىق نىسبىتى %20 تىن ئېشىپ كەتكەن ئىسرائىلىيەدە، نېتانياھۇغا قارشى نامايىش 3 ئايدىن كۆپرەك مەزگىلدىن بۇيان ئۈزلۈكسىز داۋاملاشماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر