ئىسپانىيەنىڭ پايتەخت مادرىدتا، ھۆكۈمەتكە ۋە باش مىنىستىر پېدرو سانچېزغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۇلدى

ئىسپانىيەدىكى ئوڭچىل گۇرۇپپىلار پايتەخت مادرىدتا، ھۆكۈمەتكە ۋە باش مىنىستىر پېدرو سانچېزغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى.

1489665
ئىسپانىيەنىڭ پايتەخت مادرىدتا، ھۆكۈمەتكە ۋە باش مىنىستىر پېدرو سانچېزغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «پېدرو سانچېز ئىستىپا مۇنبىرى» ناملىق گۇرۇپپىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرى ئارقىلىق ئېلان قىلغان چاقىرىقلىرى بىلەن تەشكىللەنگەن نامايىشقا تەخمىنەن 20 مىڭ كىشى  قاتناشتى ۋە ھۆكۈمەتكە قارشى شوئارلارنى توۋلىغاندىن سىرت، «سانچېز ئىستىپا » دېگەن شوئارلارنىمۇ توۋلىدى .

ئىسپانىيە كوۋىد- 19 يۇقۇمى ياۋروپا بويىچە ئاڭ كۆپ كۆرۈلگەن دۆلەتكە ئايلانغان بولۇپ، نامايىشچىلار سول بىرلەشمە ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقۇمغا قارشى ماقۇللىغان قارارلىرىنى تەنقىد قىلدى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئىقتىسادىي كرىزىسقا قارشى تۇرۇش قەدەملىرىنىمۇ «مونوپۇل قىلىۋىلىش» دەپ ئەيىبلەپ، نارازىلىق بىلدۈردى.

«كوۋىد -19 نىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ئائىلىسى جەمئىيىتى» ئەزالىرىمۇ نامايىشقا قاتنىشىپ، ھۆكۈمەتنى كوۋىد -19 سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ ھەقىقىي سانىنى يوشۇرغان، دەپ ئەيىبلىدى.

بۇ جەرياندا، ئادەم كۆپلىكىگە پىسەنت قىلماي، ئىجتىمائىي ئارىلىق سىقلاشقا رىئايە قىلمىغان نامايىشچىلارنىڭ ماسكا تاقاشقىمۇ كۆڭۈل بۆلمىگەنلىكى  كۆرۈلدى. كۈچلۈك بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئىشقا سالغان ساقچىلارمۇ ھېچقانداق ئاگاھلاندۇرۇشتا بولمىدى.

مادرىدتىكى نامايىش يانۋاردا قۇرۇلغان سول بىرلەشمە ھۆكۈمەتكە قارشى تۇنجى چوڭ پائالىيەت بولغانلىقى يۈزسىدىنمۇ ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

ئىسپانىيەدە جۈمە كۈنى ئېلان قىلىنغان ئەڭ يېڭى رەسمىي سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، كوۋىد -19 بىلەن يۇقۇمالانغۇچىلارنىڭ سانى 566 مىڭ 326 گە يەتكەن.

كۈندىلىك يۇقۇملىنىش نىسبىتى 10 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن ئىسپانىيەدە، يېڭى يۇقۇملىنىشنىڭ ئۈچتىن بىرى مادرىدتا بايقالماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر