مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى رەھبەرلىرىدىن مۇھەممەد بەدى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى

مىسىردا، مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى رەھبەرلىك كېڭىشى باشلىقى مۇھەممەد بەدى 2013 - يىلدىكى زوراۋانلىق ۋەقەلىرىگە مۇناسىۋەتلىك سوتتا مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.

1489562
مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى رەھبەرلىرىدىن مۇھەممەد بەدى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىر رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى «MENA» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پورت سەئىد جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى رەھبەرلىك كېڭىشى باشلىقى مۇھەممەد بەدىيدىن باشقا يەنە، مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى رەھبەرلىرىدىن 11 كىشىنى، تۆۋىنى 25 يىل، يۇقىرىسى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان.

خەۋەردە، مەزكۇر دېلودا سوتلانغان باشقا جاۋابكارلاردىن 59 كىشىنىڭ 3 يىللىق ئېغىر مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى، 3 كىشىنىڭ 6 ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ۋە قازا قىلغان يەنە بىر جاۋابكارنىڭ دېلوسىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

مىسىر رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى «MENA» نىڭ خەۋىرىدە، مۇھەممەد بەدىدىن باشقىلارنىڭ ئىسىملىرى تىلغا ئېلىنمىدى. يەرلىك مەتبۇئاتلاردا بولسا، جازالانغان ئارىسىدا مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى رەھبەرلىرىدىن مۇھەممەد بالتاجىنىڭمۇ بارلىقى ھەققىدىكى مەلۇماتلارغا ئورۇن ئاجراتتى

باش تەپتىش مەھكىمىسى جاۋابكارلارنى 2013 - يىلى ئاۋغۇستتا پورت سەئىدتا يۈز بەرگەن زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى كۈشكۈرتكەن، دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى.

بېرىلگەن مەزكۇر جازا ھەققىدە يۇقىرى سوتقا ئەرز قىلىش يولىنىڭ  ئوچۇق ئىكەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى مۇھەممەد بەدىگە قارىتىلغان 7 دېلودا ئاخىرقى ھۆكۈمنىڭ 15 – ئىيۇلدا چىقىرىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر