يەنە بىر ئەرەب دۆلىتى ئىسرائىلىيە بىلەن مۇناسىۋەتلىرىنى نورماللاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

بەھرەيىن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ نازارەتچىلىكى ئاستىدا ئىسرائىلىيە بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1489284
يەنە بىر ئەرەب دۆلىتى ئىسرائىلىيە بىلەن مۇناسىۋەتلىرىنى نورماللاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بەھرەيىن خەۋەر ئاگېنتلىقى – بنا، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، بەھرەيىن پادىشاھى ھەمەد بىن ئىسا ئال خەلىفە ۋە ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بىنيامىن نېتانياھۇنىڭ ئۆزئارا تېلېفونلاشقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، «ئىسرائىلىيە بىلەن بەھرەيىن ئوتتۇرىسىدا تولۇق مەنىدە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىندى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

ترامپنىڭ بەھرەيىننى 15 – سېنتەبىردە ئاقسارايدا ئىسرائىلىيە بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇش كېلىشىمىگە ئىمزا قويۇش مۇراسىمغا ئىشتىراك قىلىشقا تەكلىپ قىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

خەۋەردە يەنە، بەھرەيىن پادىشاھى ھەمەدنىڭ تەكلىپنى قوبۇل قىلىپ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابدۇللەتىف بىن راشىد ئەززەيانىنى بۇ ئىشقا مەسئۇل   قىلغانلىقى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «خەلقئارا قانۇن ۋە ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسىنى چۆرىدىگەن ئاساستا ئادىل ۋە كەڭ دائىرىلىك تىنچلىق ئورنىتىشقا ئېھتىياج بار»لىقىنى تەكىتلىگەنلىكى قەيت قىلىندى.

بەھرەيىن، 1979 – يىلى مىسىرنىڭ، 1994 – يىلى ئىيوردانىيەنىڭ ۋە 13 – ئاۋغۇست (2020) تا ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىن كېيىن ئىسرائىلىيە بىلەن مۇناسىۋەتلىرىنى نورماللاشتۇرۇش كېلىشىمى ھاسىل قىلغان تۆتىنچى ئەرەب دۆلىتى بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر