يەمەن ئارمىيەسى ھۇسىيلارنىڭ جەۋفتىكى قوماندانلىق مەركىزىنى قولغا كىرگۈزگەنلىكىنى ئۇقتۇردى

يەمەن ئارمىيىسى دۆلەتنىڭ شىمالىغا جايلاشقان جەۋف ئۆلكىسىدە ھۇسىيلارنىڭ قوماندانلىق مەركىزىنى كونتروللۇقى ئاستىغا ئالغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1489301
يەمەن ئارمىيەسى ھۇسىيلارنىڭ جەۋفتىكى قوماندانلىق مەركىزىنى قولغا كىرگۈزگەنلىكىنى ئۇقتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەمەن ئارمىيىسىنىڭ «September Net» ناملىق تور بېتىگە چىقىرىلغان خەۋەردە، ئارمىيەنىڭ جەۋف ئۆلكىسىدىكى نۇدۇد فىرۇنتىدا ھۇسىيلارنىڭ قوماندانلىق ۋە ئالاقە مەركەزلىرىنى قولغا كىرگۈزگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

خەۋەردە، ھەرىكەت جەريانىدا ھۇسىي ئەسكەرلىرىنىڭ تالاپەتكە ئۇچرىغانلىقى ۋە برونېۋىك ھەربىي ماشىنىلارنىڭ ئىشلىتىشكە بولمايدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈلگەنلىكى قەيت قىلىندى.

خەۋەردە يەنە، نۇدۇد فىرونتىدىكى ھەربىي ھەرىكەت دائىرىسىدە رايوندىكى ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى ھۇسىيلارنى تازىلاش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى تەكىتلەندى.


خەتكۈچ: #ھۇسىي , #يەمەن

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر