ئافغانىستان ھۆكۈمىتى تالىبان بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ

ئافغانىستان ھۆكۈمىتى دۆلەتتە داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇشقا خاتىمە بېرىش مەقسىتىدە ئارىدىن ئۇزۇن يىللار ئۆتكەندىن كېيىن تۇنجى قېتىم تالىبان بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ.

1488881
ئافغانىستان ھۆكۈمىتى تالىبان بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  ئافغانىستان پىرېزىدېنت مەھكىمىسى، تالىبان بىلەن ئافغانىستان ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتنىڭ قاتارنىڭ پايتەختى دوھادا ئەتە باشلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئافغانىستان ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن تىنچلىق سۆھبىتىگە قاتنىشىدىغان  ھەيئەتنىڭ مەسئۇللۇقىنى، سابىق دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگىنىنىڭ باشلىقى مەسۇم ستانىكزەي ئۆز ئۈستىگە ئالدى.

ئوخشىمىغان پارتىيەلەر ۋە سىياسىي گۇرۇپپىلارنىڭ ۋەكىللىرىدىن تەشكىل تاپقان 21 كىشىلىك سۆھبەت ھەيئىتى، تالىبان بىلەن ئەتە باشلىنىدىغان مۇزاكىرىلەر ئۈچۈن بۈگۈن قاتارغا يۈرۈپ كېتىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئەتە باشلىنىدىغان مۇزاكىرىلەرنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا، ئافغانىستان مىللىي ئالىي مۇرەسسەچىلىك كېڭىشىنىڭ باشلىقى ئابدۇللاھ ئابدۇللاھ، مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھانىف ئاتمەر، تىنچلىق ئىشلىرى دۆلەت مىنىستىرى سەييىد سائادەت مەنسۇر نادىرى، ئافغانىستان پىرېزىدېنتى تىنچلىق ئىشلىرى ئالاھىدە ۋەكىلى ئابدۇسالام راھىمى قاتارلىقلار قاتنىشىدۇ.

ئەتە باشلىنىدىغان مۇزاكىرىلەرنىڭ بىرىنچى كۈنىدە، كېيىنكى كۈنى مۇزاكىرە قىلىنىدىغان تېمىلار، مۇزاكىرە پىرىنسىپلىرى، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ۋەكىللىرىدىن تەشكىل تاپقان ئورتاق كېڭەش ھەيئىتى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئەتە باشلىنىدىغان مۇزاكىرىلەرنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭمۇ قاتنىشىشى كۈتۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر