ۋىرۇسنىڭ مۆشۈكلەرگە مۆلچەردىكىدىنمۇ كۆپ يۇققان بولۇش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى

كوۋىد – 19 نىڭ مۆلچەردىكىدىنمۇ كۆپ مۈشۈككە يۇققان بولۇش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

1488838
ۋىرۇسنىڭ مۆشۈكلەرگە مۆلچەردىكىدىنمۇ كۆپ يۇققان بولۇش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: SciTech كۈندىلىك خەۋەرلەر تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) ئوتتۇرىغا چىققان ۋۇخەن شەھىرىدىكى خۇاجوڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى، 2020 - يىلى 1 - ئايدىن 3 - ئايغىچە 102 مۈشۈكتىن ئەۋرىشكە ئېلىپ تەتقىق قىلغان.

ئەۋرىشكىلەر، ھايۋانلارنى ئاسراش ئورۇنلىرى، ئەرمەك ھايۋانلار دوختۇرخانىسى ۋە كوۋىد  - 19 بىمارلىرى بار ئۆيلەردە ياشايدىغان مۈشۈكلەردىن ئېلىنغان.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ مۈشۈكلەرنىڭ 15 ىدە يۇقۇمغا قارشى ئانتىتېلا بارلىقى، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى 11 سىدە ئانتىتېلانىڭ يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئالغۇدەك دەرىجىدە كۈچلۈك ئىكەنلىكى دەلىللەنگەن.

كوۋىد – 19 ئانتىتېلاسى بار مۈشۈكلەردە يۇقۇم ئالامەتلىرىنىڭ بايقالمىغانلىقى ياكى ۋىرۇس سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتمىگەنلىكىنى ئىسپاتلىغان تەكشۈرۈش نەتىجىسى، يۇقۇملانغان مۈشۈكلەرنىڭ مۆلچەردىكىدىن كۆپ بولۇش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقى ئوتتۇرىغا قويغان.

مۈشۈكلەرنىڭ تەبىئىيلا تەرەققىي قىلغان ئانتىتېلانىڭ ياردىمىدە يۇقۇما قارشى جەڭ قىلغانلىقى خاتىرىلەنگەن تەتقىقاتتا، بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ۋىرۇسنىڭ مۈشۈكلەرگە قايتا يۇقۇش خەۋىپى بارلىقى ئاگاھلاندۇرۇلغان.

تەتقىقات نەتىجىسى «يېڭىدىن تەرەققىي قىلىۋاتقان مىكروبلار ۋە يۇقۇملىنىش» ناملىق ژۇرنالدا ئېلان قىلىنغان.


خەتكۈچ: #مۆشۈك , #ۋىرۇس

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر