يۇقۇمنىڭ بىر قىسىم غەرب ئەللىرىدىكى ئەھۋالىغا دائىر يېڭى ئۇچۇرلار...

دۇنيا مىقياسىدا ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانى 908290 دىن، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 28 مىليون 43870 تىن، سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر سانى 20 مىليون 113075 تىن ھالقىدى.

1488220
يۇقۇمنىڭ بىر قىسىم غەرب ئەللىرىدىكى ئەھۋالىغا دائىر يېڭى ئۇچۇرلار...

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا بويىچە يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانى ئەڭ كۆپ بولغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا ھازىرغىچە 195239 كىشى قازا قىلدى، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 6 مىليون 549475 كە يەتتى. پىرېزىدېنت دونالد ترامپ يۇقۇمنى ئاددىي چاغلىغانلىقى توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلەرگە جاۋاب بېرىپ، «خەلقنى ساراسىمىگە سېلىشنى خالىمىدۇق» دېدى.

بىرازىلىيەدە قازا قىلغانلار سانى 128653 كە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 4 مىليون 199332 گە؛ مېكسىكادا قازا قىلغانلار سانى 69095 كە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 647507 گە؛ ئىتالىيەدە قازا قىلغانلار سانى 35577 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 281583 كە؛ فىرانسىيەدە قازا قىلغانلار سانى 30794 كە؛ يۇقۇملانغۇچىلار سانى 344101 گە؛ ئاۋسترالىيەدە قازا قىلغانلار سانى 788 گە يەتتى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر