ئىران دۆلەتنىڭ غەربىي شىمالىدىكى قوراللىق گۇرۇپپىلارغا زەربە بەرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى

ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى ئارمىيەسى قۇرۇقلۇق قىسىملىرىنىڭ دۆلەتنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ھاكىمىيەتكە قارشى قوراللىق گۇرۇپپىلارغا قارشى كەڭ كۆلەملىك زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغانلىقى ئېلان قىلىندى.

1488417
ئىران دۆلەتنىڭ غەربىي شىمالىدىكى قوراللىق گۇرۇپپىلارغا زەربە بەرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى ئارمىيەسى يېقىنلىقى بىلەن تونۇلغان يېرىم رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى – تەسنىمنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ ھەپتە ھاكىمىيەتكە قارشى گۇرۇپپىلارغا قارشى بىر قاتار كەڭ كۆلەملىك زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى ئېلىپ بېرىلغان.

خەۋەردە، ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى، باشقۇرۇلىدىغان بومبا، تانكا ۋە زەمبىرەك قاتارلىقلار ئىشلىتىلىپ ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتتە ھاكىمىيەتكە قارشى نۇرغۇن ئۇنسۇرلارنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى ۋە يارىلانغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، دۆلەتنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ھاكىمىيەتكە قارشى قوراللىق گۇرۇپپىلارغا تەۋە نۇرغۇن قورال- ياراغ، ئوق-دورا ۋە پارتلاتقۇچ ماددىلار قولغا چۈشۈرۈلگەن ۋە باش ئىشتابلىرى ۋەيران قىلىپ تاشلانغان.

بۇ ھەرىكەتنىڭ ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى ئارمىيەسى قۇرۇقلۇق قىسىملىرى ئېلىپ بارغان ئەڭ كەڭ كۆلەملىك زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكى ۋە بۇ ئارقىلىق ئىنقىلابقا قارشى تۇرغۇچىلارنىڭ قاتتىق زەربىگە ئۇچرىغانلىقى بايان قىلىندى.

خەۋەردە، مەزكۇر ھەرىكەتنىڭ قايسى تەشكىلات ياكى گۇرۇپپىغا قارشى ئېلىپ بېرىلغانلىقى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بېرىلمىدى.


خەتكۈچ: #ئىران

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر