يۇقۇمنىڭ بىر قىسىم غەرب ئەللىرىدىكى ئەھۋالىغا دائىر ئۇچۇرلار

دۇنيا مىقياسىدا ۋىرۇس سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانى 902 مىڭ 768 گە، يۇقۇملانغانلار سانى 27 مىليون 780 مىڭغا، ساقايغانلار سانى 19 مىليون 852 مىڭ 879 غايەتتى.

1487736
يۇقۇمنىڭ بىر قىسىم غەرب ئەللىرىدىكى ئەھۋالىغا دائىر ئۇچۇرلار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يۇقۇمنىڭ  ئەڭ كۆپ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانى 194 مىڭ 37 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 6 مىليون 514 مىڭ 376 گە يەتتى. «The Hill» تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا بالىلار كېسەللىكلىرى ئاكادېمىيەسى ۋە بالىلار دوختۇرخانىسى فوندى جەمئىيىتى تەييارلىغان دوكلاتتا، كوۋىد -19 ئاۋغۇستتىن 20-ئاۋغۇستقىچە بولغان ئارىلىقتا تەخمىنەن 70 مىڭ بالىدا بايقالغان بولۇپ، ئالدىنقى ئىككى ھەپتە بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بالىلار ئارىسىدا كۆرۈلگەن كېسەللىكلەر% 16 ئاشقان. يۇقۇم باشلانغاندىن تارتىپ 9-ئاينىڭ 3-كۈنىگىچە بولغان مەزگىلدە، 513 مىڭ 415 بالىدا ۋىرۇس بايقالغان.

41 مىڭ 586 ئادەم قازا قىلغان ۋە ياۋروپا بويىچە ئۆلۈم ھادىسىسى ئەڭ كۆپ كۆرۈلگەن ئەنگىلىيەدە، يۇقۇملانغانلار سانى 352 مىڭ 560 قا يەتكەن. باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسى ئىشخانىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دۈشەنبە كۈنىدىن ئېتىبارەن يولغا قويۇلغان يېڭى تەدبىرلەرگە ئاساسەن، قىسمەن ئەھۋاللارنىڭ سىرتىدا، 6 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئۈستى يېپىق ياكى ئۈستى  ئوچۇق ساھەلەردە بىر يەرگە جەم بولۇشى چەكلىنىدىكەن. باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، ئىبادەتخانىلار، مەكتەپلەر، دەپنە مۇراسىملىرى، كوۋىد -19 تەدبىرلىرى ئېلىنغان توي-تۆكۈنلەر ۋە بەزى تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرى «ۋۇخەن ۋىرۇسى» تەدبىرلىرىنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇلىدىكەن. بۇ تەدبىرلەرگە خىلاپ يىغىلىشلارنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن تارقىتىۋېتىلىدىغانلىقى، ياكى تۈزۈمگە رىئايە قىلمىغانلارغا دەسلەپكى قەدەمدە 100 پۇند (تەخمىنەن 970 لىرا) جەرىمانە قويۇلىدىغانلىقى، قايتا-قايتا خىلاپلىق قىلغان ئەھۋال ئاستىدا، 3 مىڭ 200 فوندستېرلىڭغىچە جەرىمانە قويۇلىغانلىقى توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرۇش چىقىرىلغان.

بىرازىلىيەدە يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 127 مىڭ 517 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 4 مىليون  165منىڭغا يەتتى.

فىرانسىيە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە قازا قىلغان 38 كىشى  بىلەن قوشقاندا، يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 30 مىڭ 764 كە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 335 مىڭ 524 كە يەتتى.

مېكسىكادا يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە قازا قىلغان 703 كىشى  بىلەن قوشقاندا، يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 68 مىڭ 484 كە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 642 مىڭ 860 قا يەتتى.

ئىتالىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە قازا قىلغان 10 كىشى  بىلەن قوشقاندا، يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 35 مىڭ 563 كە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 280 مىڭ 153 كە يەتتى.

ئىسپانىيەدە يېقىنقى بىر ھەپتە ئىچىدە قازا قىلغان 261 كىشى  بىلەن قوشقاندا،  يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 29 مىڭ 549 غا، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 534 مىڭ 513 كە يەتتى.

پورتۇگالىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە قازا قىلغان 3 كىشى  بىلەن قوشقاندا، يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 1846 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 60 مىڭ 895 كە يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر