پومپېيو ئىراننىڭ ئۇران زاپاسلاش مىقدارىنىڭ نورمىدىن ئون ھەسسە ئېشىپ كەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو، ئىراننىڭ ئۇران زاپىسىنىڭ غەرب دۆلەتلىرى بىلەن تۈزۈلگەن «بىرلەشمە ئۇنىۋېرسال ھەرىكەت پىلانى» ناملىق يادرو كېلىشىمى ھەققىدە توختالدى.

1487516
پومپېيو ئىراننىڭ ئۇران زاپاسلاش مىقدارىنىڭ نورمىدىن ئون ھەسسە ئېشىپ كەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو، ئىراننىڭ ئۇران زاپىسىنىڭ غەرب دۆلەتلىرى بىلەن تۈزۈلگەن «بىرلەشمە ئۇنىۋېرسال ھەرىكەت پىلانى» ناملىق يادرو كېلىشىمىدە كۆرسىتىلگەن مىقداردىن 10 ھەسسىدىن كۆپ ئېشىپ كەتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

پومپېيو تىۋىتتېردا ئىراننىڭ ئۇران ئېچىش خىزمەتلىرى ھەققىدە يازما بايانات ئېلان قىلدى.

تېھران دائىرىلىرىنىڭ، بىرلەشمە ئۇنىۋېرسال ھەرىكەت پىلانىدا كۆرسىتىلگەن ئەڭ يۇقىرى ئۇران زاپىسى ئۆلچىمىدىن 10 ھەسسە ئېشىپ كەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن مايك پومپېيو، فىرانسىيە، گېرمانىيە ۋە ئىتالىيەنى تىلغا ئېلىپ، «مەزكۇر ئۈچ دۆلەت ۋە باشقا دۆلەتلەر يادرو كېلىشىمىنىڭ تارىخىي ئىكەنلىكى (چۈشى)دىن ئويغىنىپ، (ئىرانغا) تېخىمۇ تېخىمۇ ئېغىر جازا يۈرگۈزۈش مەسىلىسىدە بىزگە قوشۇلۇشى كېرەك. بېسىم ۋە ئەتراپلىق سۆھبەتلىشىش بىردىنبىر يولدۇر» دېدى.

«بىرلەشمە ئۇنىۋېرسال ھەرىكەت پىلانى» ناملىق يادرو كېلىشىمى، ئىراننىڭ يادرو ھەرىكىتىنى نازارەت قىلىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش، بۇنىڭ بەدىلىگە جازانىڭ بىكار قىلىنىشىنى كۆزلەپ، 2015 - يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ دائىمىي ئەزالىرى ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، فىرانسىيە، رۇسىيە ۋە خىتاي شۇنداقلا گېرمانىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغانىدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن، ۋاشىنگىتون كېلىشىمدىن چېكىنىپ، ئىرانغا جازا يۈرگۈزۈشكە باشلىدى.

ئامېرىكا، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 13 يىلدىن بۇيان ئىجرا قىلىنىپ كېلىۋاتقان، 18 – ئۆكتەبىردە مۇددىتى توشىدىغان قورال ئېمبارگوسىنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتىشنى خالايدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر