گىرېتسىيەدە كەلگۈلۈك، يەنە پاناھلانغۇچىلارنىڭ بېشىغا كەلدى

گىرېتسىيەنىڭ لېسبوس ئارىلىدىكى مورىيا پاناھلانغۇچىلار لاگېرىدا ئوت ئاپىتى يۈز بەردى

1487447
گىرېتسىيەدە كەلگۈلۈك، يەنە پاناھلانغۇچىلارنىڭ بېشىغا كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گىرېتسىيە رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى «ANA» نىڭ بىلدۈرىشىچە، يېرىم كېچىدىن كېيىن مورىيا لاگېرىنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن.

رايونغا نۇرغۇن ساقچى ۋە ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى ئەۋەتىلگەن، ئوت ئاپىتىدە دەسلەپكى ئېنىقلاشلارغا ئاساسلانغاندا، ئادەم ئۆلۈش ياكى يارىلىنىش ۋەقەسى يۈز بەرمىگەن.

 

ئالاقىدار تاماقلار پاناھلانغۇچىلارنىڭ بىخەتەر جايلارغا تارقاقلاشتۇرۇلغانلىقىنى ۋە بىر قىسىم پاناھلانغۇچىلارنىڭ لېسبوس شەھەر مەركىزىگە قاراپ كېتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

لاگېر ئالدىنقى ھەپتە 35 كىشىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى بايقالغاندىن كېيىن كارانتىناغا ئېلىنغان ئىدى.

مورىيا لاگېرىدا تەخمىنەن 12 مىڭ 500 پاناھلانغۇچىنىڭ بارلىقى مەلۇم.

خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك تەشكىلاتلىرى لاگېردىكى ئادەم زىچلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە زىت ناچار تۇرمۇش شارائىتلىرى تەرەپكە ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتىپ، لاگېردا ئىجتىمائىي ئارىلىق  ساقلاش ۋە ئاساسىي تازىلىق شارائىتى يارىتىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكى ھەققىدە  ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر