سۇداندا سۇ ئاپىتى يۈزدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

سۇداندا يۈز بەرگەن سۇ ئاپىتىدە ھازىرغىچە 102 ئادەم قازا قىلدى.

1486872
سۇداندا سۇ ئاپىتى يۈزدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۇدان خەلق مۇداپىئە ئىدارىسى، پايتەخت خارتۇمنىڭ شىمالىدىكى 350 ئائىلىلىك تەمانىيات يېزىسىنىڭ پۈتۈنلەي سۇ ئاستىدا قالغانلىقىنى، كىشىلەرنىڭ ئۆي- ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

خارتۇمنىڭ نىل دەرياسى بويىدىكى مەھەللىلىرىدە ئۇدا بىر نەچچە ئاي ياغقان قاتتىق يامغۇر پەيدا قىلغان كەلكۈن سەۋەبىدىن 5000 دىن ئارتۇق ئۆي پۈتۈنلەي ۋەيران بولدى.

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى، 18 ئۆلكىنىڭ 16 سىدە ياغقان قاتتىق يامغۇر سەۋەبىدىن 70 مىڭدىن ئارتۇق ئۆينىڭ تالاپەتكە ئۇچرىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

سۇغىرىش ۋە سۇ ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، نىل دەرياسىنىڭ سۇ مىقدارىنىڭ يېقىنقى بىر ئەسىردە مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە ئۆرلەپ، 18 مېتىرغا يېقىنلاشقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

سۇدان دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە بىخەتەرلىك كېڭىشى، شەنبە كۈنى كەلكۈن سەۋەبىدىن 3 ئايلىق جىددىي ھالەت ئېلان قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر