مالتا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شەرقىي ئوتتۇرا دېڭىزدىكى سۈركىلىشلەر توغرىسىدا بايانات بەردى

مالتا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئېۋارىست بارتولو شەرقىي ئوتتۇرا دېڭىزدىكى جىددىيچىلىكنىڭ باشقا رايونلارغا تەسىر كۆرسىتىش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىنى ئېيتتى.

1486759
مالتا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شەرقىي ئوتتۇرا دېڭىزدىكى سۈركىلىشلەر توغرىسىدا بايانات بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئېۋارىست بارتولو شەرقىي ئوتتۇرا دېڭىزدىكى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان جىددىيلىكنىڭ دىيالوگ ئارقىلىق ھەل قىلىنىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، «مەن مۇرەسسەلەرنىڭ ئازابلىق ئىش ئىكەنلىكىنى بىلىمەن، ئەمما ھەربىي سۈركىلىش يولى تاللىنىپ قالسا، ئەھۋال تېخىمۇ ئازابلىق بولىدۇ» دېدى.

بارتولو ئاتىنا (ئافېنا)دا گىرېتسىيەلىك مەنسەپدىشى نىكوس دېندىئاس بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆز قىلدى.

مالتانىڭ «تالاش - تارتىشلارنىڭ تىنچ يول ھەل قىلىنىشى تەرەپدارى» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن بارتولو، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دېڭىز - ئوكيان قانۇنى ئەھدىنامىسىنىڭ ئۆز دۆلىتى ئۈچۈن مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

بارتولو، شەرقىي ئوتتۇرا دېڭىزدىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ باشقا رايونلارغا تەسىر كۆرسىتىش يوشۇرۇن كۈچى بارلىقىنى تىلغا ئېلىپ، «مەن مۇرەسسەلەرنىڭ ئازابلىق ئىش ئىكەنلىكىنى بىلىمەن، ئەمما ھەربىي سۈركىلىش يولى تاللىنىپ قالسا، ئەھۋال تېخىمۇ ئازابلىق بولىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر