ئىراننىڭ شىمالىدىكى يەر تەۋرەشتە كەم دېگەندە 10 كىشى يارىلاندى
ئىراننىڭ شىمالىدىكى گۈلىستان ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن 5.1 بال يەر تەۋرەشتە كەم دېگەندە 10 كىشى يارىلاندى.
1486066
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېھران ئۇنۋېرسىتىتى يەر تەۋرەش تەتقىقات مەركىزىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، يەر تەۋرەش مەركىزى گۈلىستان ئۆلكىسىنىڭ رامىيان رايونىدا بولۇپ، شۇ يەر ۋاقتى 02.04 دە خاتىرىلەنگەن.
يەر تەۋرەشنىڭ 9 كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقتا يۈز بەرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
ئىران ئوقۇغۇچىلار خەۋەر ئاگېنتلىقى (ISNA) نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، قىزىل ئاي قۇتقۇزۇش ۋە ياردەملىشىش تەشكىلاتىنىڭ ھەرىكەت كونترول قىلىش ۋە ماسلاشتۇرۇش مەركىزى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، «رامىياننىڭ بىر قىسىم يېزىلىرىدىكى بىنالار ماددىي زىيانغا ئۇچرىدى. كۇرۇچاي يېزىسىدا 7 كىشى ۋە ئەلھادى يېزىسىدا 3 كىشى يارىلاندى» دېيىلگەن.
ئىزدەش ۋە قۇتقۇزۇش ئەترىتىنىڭ رايوندىكى خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.