ئامېرىكادا ئىككى ئائىلە خەلىپە ھافتەرگە قارشى 50 مىليون دوللارلىق تۆلەم دەۋاسى ئاچتى

لىۋىيەنىڭ شەرقتىكى قانۇنسىز قوراللىق كۈچلەرنىڭ رەھبىرى خەلىپە ھافتەرگە تەۋە ئۇنسۇرلارنىڭ ھەرىكىتى جەريانىدا تۇغقانلىرىدىن ئايرىلغان ئىككى ئائىلە ئامېرىكادا خەلىپە ھافتەرگە قارشى 50 مىليون دوللارلىق تۆلەم تەلەپ قىلىپ سوتقا ئەرز سۇندى.

1486247
ئامېرىكادا ئىككى ئائىلە خەلىپە ھافتەرگە قارشى 50 مىليون دوللارلىق تۆلەم دەۋاسى ئاچتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «The Times» گېزىتىنىڭ خەۋەرىدە، 2016 - يىلى ئاۋغۇست ئېيىدىن 2017 - يىلى مارت ئىيىغىچە بولغان مەزگىلدە، بېنغازىنىڭ گەنفۇدا مەھەللىسىدە ھافتەرگە تەۋە لىۋىيە مىللىي ئارمىيەسىنىڭ ئىسلام گۇرۇپپىلىرىغا قارشى ئېلىپ بارغان ھەرىكىتىدە تۇغقانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان ئىككى ئائىلىنىڭ سوتتا ھافتەرگە قارشى دېلو تۇرغۇزغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ۋىرگىنىيە ئىشتاتىدىكى فېدېراتىپ سوت مەھكىمىسىگە ئالدىنقى ھەپتە سۇنۇلغان دېلودا، ھافتەر سوراقسىز ئۆلتۈرۈش بۇيرىقى بېرىش ۋە  ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزۈش قاتارلىقلار خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ نۇرغۇنلىغان جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەندى.

خەۋەردە، ۋىرگىنىيە شىتاتىدا دېلو  تۇغۇزۇشنىڭ موھىملىقى تەكىتلىنىپ، چۈنكى ھافتەرنىڭ تەخمىنەن 8 مىليون 500 مىڭ دوللارلىق 340 مو يېرى بارلىقى، مۇقىم مۈلۈك ۋە پۇل بايلىقىنىڭمۇ مۇشۇ ئىشتاتتا ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

خەۋەردە ئامېرىكىدا ھازىر باشقا لىۋىيەلىكلەر تەرىپىدىنمۇ ھافتەرگە قارشى تۇرغۇزۇلغان باشقا دېلولارنىڭ بارلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

خەلىفە ھافتەر ھەم لىۋىيە، ھەم ئامېرىكا پۇقراسى. ئامېرىكادىكى قانۇن بەلگىلىمىلىرى، پۇقرالارنىڭ خەلقئارا قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىقىغا دائىر گۇمان تۇغۇلسا، دېلو تۇرغۇزۇشقا يول قويىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر