گىرېتسىيە پارلامېنت ئەزاسى: تۈركىيە ئادەتتىن تاشقىرى رايونلۇق كۈچ

گىرېتسىيە كوممۇنىست پارتىيەسى پارلامېنت ئەزاسى ليانا كانېللى سكاي تېلېۋىزىيەسىنىڭ «ئاتېرىئاستۇس» پىروگراممىسىدا، تۈركىيەنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى رايونلۇق كۈچ  ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1486299
گىرېتسىيە پارلامېنت ئەزاسى: تۈركىيە ئادەتتىن تاشقىرى رايونلۇق كۈچ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كانېللى، گىرېتسىيەنىڭ شەرقىي ئاقدېڭىز مەسىلىسىدە  فىرانسىيەگە ئىشىنىشىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئەردوغان ئىستىراتېگىيەلىك بىر ئەقىلدۇر، تۈركىيە بولسا ئادەتتىن تاشقىرى رايونلۇق كۈچتۇر. فىرانسىيەگە ئىشىنىپ خاتا قىلىۋاتىمىز. ھېچكىمنىڭ بىزنى ياخشى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن گىرېتسىيەگە كەلگىنى ۋە دۆلىتىمىز ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلغىنى يوق.»

ئۇ، گىرېتسىيە باش مىنىستىرى كىرياكوس مىچوتاكىس ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي ئاقدېڭىز سىياسىتىنى تەنقىد قىلىپ مۇنداق دېدى: «بەزىلەر گىرېتسىيە – فىرانسىيە ئىتتىپاقى شوئارىنى توۋلاۋاتىدۇ. ئۆز ۋاقتىدا فىرانسىيە پىرېزىدېنتى گىسكارد دىئېستېڭنىڭ بۇ يەرگە (گىرېتسىيەگە) كېلىشى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئالدىدىكى دەرەخلەرنى كېسەتتۇق.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر