دائېشنىڭ ھۇجۇمى جانغا زامىن بولدى

تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ ئىراقنىڭ شەرقىي قىسمىدا ئىران چېگراسىغا يېقىن ھانېكىن ناھىيەسىدە ھەشدى شەئبىگە قارشى ئېلىپ بارغان قوراللىق ھۇجۇمىدا ئىككى كىشى ئۆلدى.

1486285
دائېشنىڭ ھۇجۇمى جانغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىيالە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىدا ۋەزەپە ئۆتەۋاتقان يۈزبېشى ساقچى جەفەر ئەلۋائىلىنىڭ ئېيتىشىچە، دائېش تېررورچىلىرى دىيالە ۋىلايىتىنىڭ ھانېكىن ناھىيەسىگە جايلاشقان ھەشدى شەئبى نۇقتىسىغا ھۇجۇم قىلغان. ھۇجۇمدا ھەشدى شەئبىنىڭ 28 – ئەترىتىنىڭ قوماندانى ھۈسەيىن ئەلمىياھى بىلەن ھەشدى شەئبىنىڭ بىر ئەسكىرى ئۆلگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر