رەسۇلەيندە 4 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

سۈرىيە مىللىي ئارمىيەسى ئەسكەرلىرى « ھەربىي ھەرىكىتى» رايونىغا جايلاشقان رەسۇلەين ناھىيەسىگە سوقۇنۇپ كىرىشكە ئۇرۇنغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ ئەزاسى 4 تېررورچىنى بىر تەرەپ قىلدى.

1484600
رەسۇلەيندە 4 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلارغا قارىغاندا، تېررورچىلار سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى رەسۇلەين ناھىيەسىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان ئىناق ئەلھاۋا يېزىسى ئەتراپلىرىدا ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى ئەسكەرلىرىگە ھۇجۇم قىلىشقا ئۇرۇنغان، ئارقىدىنلا ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى ئەسكەرلىرى بىلەن تېررورچىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن. توقۇنۇشتا 4 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىنغان، قورال – ياراغ ۋە ئوق – دورىلار قولغا چۈشۈرۈلگەن.

«دفىرات دەرياسى» نىڭ شەرقىي قىسمىدا ئىشغالىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان تېررورچىلار، پات – پات رەسۇلەين ۋە تەلئەبياد رايونلىرىغا ھۇجۇم قىلىشقا ئۇرۇنىدىكەن.

رەسۇلەين ناھىيەسى، تۈركىيە 2019 – يىلى ئۆكتەبىردە قوزغىغان «<تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتى» ئارقىلىق تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ/ پ ك ك نىڭ ئىشغالىتىدىن ئازاد قىلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر