ب د ت تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنى يېشىل ئېنېرگىيەگە مەبلەغ سېلىشقا چاقىردى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونيو گۇتېرېش ياپونىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنى كۆمۈر قاتارلىق تاشقا ئايلانغان يېقىلغۇلاردىن ۋاز كېچىپ، يېشىل ئېنېرگىيەگە مەبلەغ سېلىشقا چاقىردى.

1484520
ب د ت تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنى يېشىل ئېنېرگىيەگە مەبلەغ سېلىشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقىنىڭ ساھىبخانلىقىدا ئىنتېرنېت مۇھىتى ئاستىدا  «<ۋۇخەن ۋىرۇسى> دىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ۋە ئۈزۈل - كېسىل قۇتۇلۇش ئۈچۈن تور سۇپىسى» ناملىق يىغىن چاقىرىلدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونيو گۇتېرېش، يىغىندا سۆزلىگەن نۇتىقىدا، ياپونىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنى، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» دىن قۇتۇلغاندا  كۆمۈر قاتارلىق تاشقا ئايلانغان يېقىلغۇلارغا بېقىندى بولۇپ قېلىشتىن ۋاز كېچىپ، يېشىل ئېنېرگىيەگە مەبلەغ سېلىشقا چاقىرىپ مۇنداق دېدى: «نۆۋەتتە بىز ھەم <«ۋۇخەن ۋىرۇسى> ھەمدە كىلىمات ئۆزگىرىشىدىن ئىبارەت ناھايىتى خەتەرلىك ئىككى تۈرلۈك كىرىزىسكە دۇچ كېلىۋاتىمىز. ياپونىيە ئىلغار تېخنولوگىيەسى ئارقىلىق كۆمۈر كانلىرى قۇرۇلۇشلىرىغا مەبلەغ سېلىشتىن ۋاز كېچىش ۋە سىجىل ئېنېرگىيە باسقۇچىغا ئۆتۈش مەسىلىسىدە باشلامچى بولۇشى كېرەك. يېقىن زاماندا تاشلاندۇق مۈلۈككە ئايلىنىدىغان كۆمۈر كانلىرىغا پۇل خەجلەش ئىقتىسادىي جەھەتتىن مەنىسىزدۇر. ھېچقانداق بىر مەبلەغ سېلىش پىلانىدا كۆمۈر ئېنېرگىيەسىنىڭ لوگىكىلىق رامكىسى يوق. پاكىز ئېنېرگىيە تېخىمۇ كۆپ خىزمەت، تېخىمۇ ساپ ھاۋا، قۇرۇلمىسى تېخىمۇ مۇستەھكەم ساغلاملىق ۋە ئىقتىساد ساھەلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تەقەززا قىلىدۇ».



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر