يۇقۇمنىڭ بىر قىسىم غەرب ئەللىرىدىكى ئەھۋالىغا دائىر تولۇقلىما مەلۇماتلار

دۇنيا مىقياسىدا ۋىرۇس سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانى 888 مىڭ 50 دىن ئېشىپ كەتتى، يۇقۇملانغانلار سانى 26 مىليون 209 مىڭ 400 گە، ساقايغانلار سانى 18 مىليون 468 مىڭ 780 گە يەتتى.

1484234
يۇقۇمنىڭ بىر قىسىم غەرب ئەللىرىدىكى ئەھۋالىغا دائىر تولۇقلىما مەلۇماتلار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 189 مىڭ 991 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 6 مىليون 290 مىڭغا يەتكەن ۋە يۇقۇمنىڭ  مەركىزىگە ئايلانغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا، نىيۇ يورك شەھىرىدە ياشاۋاتقان كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ ۋىرۇس سەۋەبىدىن شەھەرنى تەرك ئەتكەنلىكى، نىيۇ جېرسېينى ئۆز ئىچىگە ئالغان قوشنا شەھەر ۋە ئىشتاتلاردا ئۆي باھاسىنىڭ تېزلىك بىلەن ئۆرلەۋاتقانلىقى، ئىجراىگە ئۆي تېپىشنىڭ قىيىنلىشىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

يۇقۇمنىڭ ئەڭ كۆپ تەسىرىگە ئۇچتىغان بىرازىلىيەدە، يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە قازا قىلغان 1184 كىشى  بىلەن قوشقاندا، يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 123 مىڭ 899 غا، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 4 مىليونغا يەتتى.

مېكسىكادا، يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە قازا قىلغان 575 كىشى  بىلەن قوشقاندا، يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 65 مىڭ 816 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 610 مىڭ 957  گە يەتتى.

ئىتالىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە قازا قىلغان 6 كىشى  بىلەن قوشقاندا، يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 35 مىڭ 497 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 271 مىڭ 515 كە يەتتى.

فىرانسىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە قازا قىلغان 26 كىشى  بىلەن قوشقاندا، يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 30 مىڭ 686 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 293 مىڭ 9243 كە يەتتى. فىرانسىيە سەھىيە ئىلمىي كېڭىشى، دۆلەتتە كۈز ياكى قىش ئايلىرىدا، يۇقۇمنىڭ ئىككىنچى باسقۇچىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىدىن ئەندىشە قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.

«ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن ئۆلۈم ھادىسىلىرى داۋاملىشىۋاتقان ئاۋسترالىيەدە، ۋىكتورىيە ئىشتاتىدا، يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە قازا قىلغان 15 كىشى  بىلەن قوشقاندا، يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانى 678 گە يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر