ياپونىيەدە تەيفېڭ بورىنى ئاگاھلاندۇرىشى ئېلان قىلىندى

يەنە بىر تەرەپتىن، يېڭى زېلاندىيەدىن 5800 ھايۋاننى ئېلىپ خىتايغا يولغا چىققان ۋە يوقۇلۇپ كەتكەن يۈك پاراخوتىنى ئىزدەپ تېپىش خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا.

1484189
ياپونىيەدە تەيفېڭ بورىنى ئاگاھلاندۇرىشى ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيەدە ھەپتە بېشىدىن باشلاپ كيۇشۇ رايونىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان مايساك تەيفېڭ بورىنى بىلەن يەكشەنبە كۈنى يېتىپ كېلىشى مۆلچەرلىنىۋاتقان خەيشېن تەيفېڭ بورىنى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلىندى.

مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى (JMA) نىڭ بىلدۈرۈشىچە، مايساك تەيفېڭ بورىنى كيۇشۇ رايونىنىڭ شىمالىغا يېتىپ بارغان بولۇپ، خەيشېن تەيفېڭ بورىنى بولسا، تىنچ ئوكياندىكى مارىئانا ئارىلى ئەتراپىدىن دۆلەتكە يېقىنلاشماقتا.

مايساك تەيفېڭ بورىنىنىڭ سۈرئىتىنى ئاشۇرغانلىقى ۋە گۈلدۈرمامىلىق يامغۇردا ناھا شەھىرىدىكى دەرەخلەرنىڭ يولغا يىقىلغانلىقى ۋە ئوكىناۋا ئۆلكىسىدە 8 كىشىنىڭ يېنىك يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ناچار ھاۋارايى سەۋەبىدىن رايوندا 100 دىن ئارتۇق نۆۋەتچى ئايروپىلان ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. ھىروشىمادا يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز مۇلازىمىتى توختىتىلدى.

مايساك تەيفېڭ بورىنىنىڭ سائىتىگە 200 كىلومىتىردىن ئارتۇق سۈرئەت بىلەن ناگاساكى ئۆلكىسىگە قاراشلىق تسۇشىما ئارىلىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىن كورېيە يېرىم ئارىلىغا يۈزلىنىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.

يەكشەنبە كۈنى كەچتە ياپونىيەگە يېتىپ بارىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن خەيشېن تەيفېڭ بورىنىنىڭ كۈچلۈك دولقۇن ۋە شىددەتلىك يامغۇرلارغا سەۋەب بولىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئامامى-ئوشىما ئارىلىنىڭ غەربىگە 185 كىلومىتىر كېلىدىغان جايدىن جىددىي قۇتقۇزۇش چاقىرىقى ئېلان قىلغان پاناما ئىجازەتنامىسىگە ئىگە 11 مىڭ 900 توننىلىق دېڭىز قولتۇقى چارۋا ماللىرى  يۈك پاراخوتىنى ئىزدەش خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا.

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرىشىچە، ياپونىيە دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت پاراخوتى ۋە دېڭىز-ئوكيان مۇداپىئە ئارمىيەسى (MSDF)گە تەۋە رازۋېدكا ئايروپىلانى رايوندا قۇتقۇزۇش كىيىمى كىيگەن بىر كىشىنى دېڭىزدىن چىقارغان.

14 – ئاۋغۇستتا يېڭى زېلاندىيەدىن 43 پاراخوت خادىمى ۋە 5800 ھايۋاننى ئېلىپ خىتايغا قاراپ يولغا چىققان يۈك پاراخوتىنى ئىزدەش خىزمىتى داۋاملاشماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر