ئىمران خان ئايال مەھبۇسلارنى دەرھال قويۇپ بېرىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردى

پاكىستان باش مىنىستىرى ئىمران خان تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ۋە ئۈستىدىن ھۆكۈمنامە ئېلان قىلىنغان 1184 ئايالنى قويۇپ بېرىشكە بۇيرۇدى.

1483948
ئىمران خان ئايال مەھبۇسلارنى دەرھال قويۇپ بېرىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خان تىۋىتتېر ھېسابىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ،  ئالاقىدار ئەمەلدارلارغا تۇتۇپ تۇرۇپ سوتلىنىۋاتقان ۋە ئۈستىدىن ھۆكۈم ئېلان قىلىنغان 1184 ئايالنىڭ قويۇپ بېرىلىشى توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

خان ئۇچۇرىدا، ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) غا تاقابىل تۇرۇش خىزمەتلىرى دائىرىسىدە يۇقىرى سوتنىڭ 4 – ئايدا چىقارغان قارارىغا ئىشارەت قىلغان ھالدا، «مەن كىشىلىك ھوقۇق مىنىستىرى شىرىن مازارى ۋە ئادۋوكات ئەلى زەفەر بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ، سوتلىنىۋاتقان ۋە ئۈستىدىن ھۆكۈمنامە ئېلان قىلىنغان 1884 ئايالنى قويۇپ بېرىش توغرىسىدىكى قارارنىڭ دەرھال ئىجرا قىلىنىشىنى تەلەپ قىلدىم» دېدى.

مازارى بولسا. خاننىڭ قارارىغا «كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسدىن زور ئىلگىرىلەش» دەپ باھا بەردى.

4 - ئايدا ، كوۋىد  - 19 ۋىرۇسىنىڭ تەسىرى ئېغىرلىشىپ كەتكەندىن كېيىن ، ئالىي سوت مەھكىمىسى ئۈچ يىللىقتىن ئاز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ۋە سوتلىنىشى داۋاملىشىۋاتقانلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى قارار قىلغانىدى.

پاكىستاندىكى 57742 ئادەم سىغىمچانلىقىغا ئىگە 14 تۈرمىدە نۆۋەتتە 77275 مەھبۇس ياتماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر