ترامپ «مۇسۇلمان تېررورچىلار» دېگەن رىياسەتچىنىڭ خىزمەتتىن بوشىتىلىشىنى تەلەپ قىلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، ئۆزى قاتناشقان بىر تېلېۋىزىيە سۆھبەت پىروگراممىسىدا، MSNBC قانىلىنىڭ «مۇسۇلمان تېررورچىلار » دېگەن ئىبارىنى قوللانغان رىياسەتچىسى جوي رېدنىڭ ئىشتىن بوشىتىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

1483942
ترامپ «مۇسۇلمان تېررورچىلار» دېگەن رىياسەتچىنىڭ خىزمەتتىن بوشىتىلىشىنى تەلەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رىياسەتچى جوي رېد بىر تېلېۋىزىيە سۆھبەت پىروگراممىسىدا، تىرامپ ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرىنىڭ رادىكاللىشىپ كەتكەنلىكىنى ، بۇنىڭ مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدىكى كىشىلەرنىڭ «تېررورچىلاشقان» لىقىغا ئوخشايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

مەزكۇر تارقىتىشتىن كېيىن، بۇ سۆزلەرنىڭ «ئىسلاموفوبىك» ۋە «ئىرقچى» ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرا قويغان نۇرغۇن ئىجتىمائىي ئالاقە تورى ئابۇنىتلىرى، رېدنىڭ تېررورلۇق بىلەن مۇسۇلمانلارنى مۇناسىۋەتلەشتۈرگەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

رېدنىڭ مەزكۇر سۆزلىرىگە ترامپمۇ نارازىلىق بىلدۈرۈپ، «لاياقەتسىز جوي رېد قورقۇنچلۇق بىر سۆز بولغان <مۇسۇلمان تېررورچىلار> دېگەن سۆزنى ئىشلەتكەنلىكى ئۈچۈن ئىشتىن بوشىتىلىشى كېرەك. MSNBC قانىلىدا بۇنداق چەت ئەللىك دۈشمەنلىكى ۋە ئىرقچىلىق قىلغان باشقا بىرى بولغان بولسىمۇ تېزلا كەتكەن بولاتتى» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر