قاراداغى: «پەيغەمبىرىمىزگە ھاقارەت قىلغانلار ئەخلاقسىز ۋە شەرەپسىزلەردۇر»

دۇنيا مۇسۇلمان ئۆلىمالار بىرلىكى باش كاتىپى ئەلى مۇھىددىن ئەل قاراداغى فىرانسىيەنىڭ يۇمۇر ژۇرنىلى «چارلى ھېبدو» نىڭ ئىسلام پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى تېما قىلغان ھاقارەتلىك ھەجۋىي رەسىملەرنى قايتا نەشر قىلغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

1484265
قاراداغى: «پەيغەمبىرىمىزگە ھاقارەت قىلغانلار ئەخلاقسىز ۋە شەرەپسىزلەردۇر»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قاراداغى فېسبۇك ھېسابىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، «بىز جاھالەتكە جاھالەت بىلەن جاۋاب قايتۇرمايمىز. بۇ ژۇرنالمۇ ۋە ئۇنىڭ باشقۇرغۇچىلىرىمۇ پەيغەمبىرىمىزنىڭ تاپىنىغا قۇنغان توپا-چاڭچىلىق قىممەتكە ئېرىشەلمەيدۇ» دېدى.

قاراداغى مۇسۇلمانلارنىڭ يامانلىقنىڭ ئەمەس، پىكىرلەرنىڭ قوغدىغۇچىلىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، «بىز بارلىق مۇقەددىساتلارغا چىقىلىشقا بولمايدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. ياخشىلىق، ئادالەت ۋە ئەركىنلىكنىڭ ئۆگەتكۈچىسى بولغان پەيغەمبىرىمىز ھەزرەتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ھاقارەت قىلغانلار ئەخلاقسىز ۋە شەرەپسىزلەردۇر» دېدى.

ژۇرنالدا، 2015 - يىلى 1-ئايدا، ھەزرەتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھەققىدە ھاقارەتلىك ھەجۋىي رەسىملەر ئېلان قىلىنغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر