بەل كەڭلىكىنىڭ مەزى بېزى راكى بىلەن قويۇق ئالاقىسى بارلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى

بەل كەڭلىكىنىڭ مەزى بېزى راكى بىلەن ئۆلۈپ كېتىش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1484010
بەل كەڭلىكىنىڭ مەزى بېزى راكى بىلەن قويۇق ئالاقىسى بارلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە ، تەتقىقاتچىلار 10 يىلدىن بۇيان راك كېسىلىگە گىرىپتار بولمىغان 40 ياشتىن 69 ياشقىچە بولغان 218225 ئەرنىڭ بەدىنىدىكى ماي نىسبىتى ، بەل ئايلانمىسى ۋە بەل - كاسا ئۆلچىمى قاتارلىقلارغا دائىر سانلىق مەلۇماتلارنى كۆزەتكەن.

مەزى بېزى راكى بىلەن ئۆلۈپ كېتىش خەۋپى بىلەن بەل كەڭلىكى ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىشنى مۆلچەرلەش ئۈچۈن، تەكشۈرۈشكە قاتناشقۇچىلارنىڭ كېسەللىك تارىخى ، ئىجتىمائىي - ئىقتىسادىي ئورنى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىغا مۇناسىۋەتلىك ئىستاتىستىكىلىق ئانالىزلار قوللىنىلدى.

تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە ، مەزى بېزى راكى بەل قىسىمى چوڭراق ئەرلەردە تېخىمۇ ئەجەللىك ئىكەن.

كۆزىتىش مەزگىلىدە، 571 ئەر مەزى بېزى راكى بىلەن قازا قىلغان بولسا ، بەل ئايلانمىسى كەڭ ئەرلەرنىڭ مەزى بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنىڭ بىلى تارلارغا قارىغاندا % 35 يۇقىرى بولىدىغانلىقى بايقالغان.

تەتقىقاتتا، بەدەندىكى مەركىزىي ماينى ئۆلچەش بىلەن مەزى بېزى راكى بىلەن ئۆلۈپ كېتىش خەۋپى ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىش ئوتتۇرىغا چىققان.

ئەنگلىيە ئەرلىرى ئارىسىدا ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان راك تۈرلىرىنىڭ بىرى بولغان مەزى بېزى راكى سەۋەبىدىن ھەر يىلى تەخمىنەن 12000 ئەر ئۆلۈپ كېتىدىكەن، ئەنگلىيەدىكى  ھەر 6 ئەرنىڭ بىرى بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولىدىكەن.


خەتكۈچ: #ئەر , #راك , #بەل

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر