شىمالىي كورېيەگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئۈسكۈنىلىرىنى سېتىپ بەرگۈچىلەرگە ئېغىر ئېمبارگو يۈرگۈزىلىدۇ

ئامېرىكا، شىمالىي كورېيەنىڭ باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىشلەچىقىرىشىغا كېرەكلىك ماتېرىياللارنىڭ تىزىملىكىنى ھەمبەھىرلەپ، شىمالىي كورېيەنى بۇ ماتېرياللار بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرگە ئېغىر ئېمبارگو يۈرگۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1483334
شىمالىي كورېيەگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئۈسكۈنىلىرىنى سېتىپ بەرگۈچىلەرگە ئېغىر ئېمبارگو يۈرگۈزىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، «شىمالىي كورېيە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سېتىۋېلىش مەسلىھەتچىلىكى» ناملىق دوكلاتنى ئېلان قىلدى ۋە پيوڭياڭنىڭ باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ياسىشىغا ئېھتىياجلىق ماتېرىياللارنىڭ تىزىملىكىنى ئورتاقلاشتى.

تىزىملىكتە خىمىيەلىك قېتىلمىلاردىن، ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلەرگىچە نۇرغۇن ماتېرىياللار ئورۇن ئالدى.

دوكلاتتا بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىق ھالدا شىمالىي كورېيەگە كېرەكلىك ئەسلىھەلەرنى ساتقان بارلىق شىركەت ۋە دۆلەتلەرگە ئېغىر ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

دوكلاتتا، مېتىرياللاردىن باشقا يەنە، ئامېرىكا ئېمبارگو يۈرگۈزىۋاتقان شىمالىي كورېيە شىركەتلىرى ۋە شەخسلەرنىڭ ئىسىملىرىمۇ ھەمبەھىرلەندى. تىزىملىكتىكى شەخسلەر ۋە ئورگانلار بىلەن سودا قىلغان دۆلەتلەرگىمۇ ئېمبارگو يۈگۈزىلىدىغانلىقى تەكىتلەندى.

دوكلاتقا مۇناسىۋەتلىك ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، «شىمالىي كورېيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارلىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىقتىدارىنى كېڭەيتىشكە ئۇرۇنىشىنى داۋاملاشتۇرىشى، ھەم رايوننىڭ ھەم خەلقئارانىڭ مۇقىملىقىغا زور تەھدىت شەكىللەندۈرمەكتە» دېيىلدى.

باياناتتا يەنە، ئامېرىكانىڭ خەلقئارادىكى شېرىكلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، شىمالىي كورېيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىشلەپچىقىرىش ئۇرۇنىشىدىن شەكىللەنگەن تەھدىتنى چەكلەش ئىرادىسى قەتئىي ئىكەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى ۋە بۇ مەسىلىدە خۇسۇسىي شىركەتلەرنىمۇ قاتتىق دىققەت قىلىشقا چاقىرىق قىلدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر