خەلىفە ھافتەرگە قاراشلىق قوراللىق ئۇنسۇرلار ئىككىنچى قېتىم ئۇرۇش توختىتىشقا خىلاپلىق قىلدى

لىۋىيە ئارمىيەسى دۆلەتنىڭ شەرقىدىكى قانۇنسىز كۈچلەرنىڭ رەھبىرى خەلىفە ھافتەرگە قاراشلىق قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ ئىككىنچى قېتىم ئۇرۇش توختىتىشقا خىلاپلىق قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1483437
خەلىفە ھافتەرگە قاراشلىق قوراللىق ئۇنسۇرلار ئىككىنچى قېتىم ئۇرۇش توختىتىشقا خىلاپلىق قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋىيە ئارمىيەسىنىڭ باياناتچىسى پولكوۋنىك مۇھەممەد قۇنۇنۇ ئىجتىمائىي ئالاقە ھېسابىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، «قىسىملىرىمىز قىسقا ۋاقىت ئىلگىرى ئەتىگەن سائەت 06:00 دە يەنە بىر قېتىملىق ئۇرۇش توختىتىشقا خىلاپلىق قىلىش ۋەقەسىنى بايقىدى. بۇ 72 سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە يۈز بەرگەن ئىككىنچى قېتىملىق خىلاپلىق قىلىشتۇر» دېيىلدى.

قۇنۇنۇ خەلىفە ھافتەرگە قاراشلىق قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ سىرتەنىڭ غەربىدىكى ئارمىيە قىسىملىرىغا 6 گراد باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بايان قىلىپ، ئارمىيە قىسىملىرىنىڭ تولۇق تەييارلىق ھالىتىدە ئىكەنلىكىنى ۋە ھۇجۇمنىڭ كېلىش مەنبەسىگە مۇۋاپىق پەيتتە ۋە دەل ۋاقتىدا جاۋاب بېرىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

لىۋىيە باش مىنىستىرى فايىز ئەس-سىرراج ۋە ھافتەرنىڭ سىياسىي ئىتتىپاقدىشى توبرۇك ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى ئاقىلە سالىھ جۈمە كۈنى (21-ئاۋغۇست) ئۇرۇش توختىتىش قارارى ماقۇللىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

ئۇرۇش توختىتىش قارارى، سىرتە ۋە جۇفرانىڭ قورالسىزلاندۇرۇلغان رايونغا ئايلاندۇرۇلىشى، دۆلەت ئىچىدە نېفىت ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئېكسپورتنى يېڭىدىن باشلاش، چەتئەللىك ۋە ياللانما ئەسكەرلەرنىڭ دۆلەتتىن چىقىرىلىشى ۋە پىرېزىدېنتلىق كېڭىشى بىلەن ئومۇمىي سايلامنىڭ كېلەر يىلى مارتتا ئۆتكۈزۈلىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر