سايلام رىقابىتىدە بايدىن ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىمەكتە، ترامپ ئوتتۇرىدىكى پەرقنى ئازايتماقتا...

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا 3 – نويابىردا ئۆتكۈزۈلىدىغان پىرېزىدېنتلىق سايلىمى رىقابىتىدە بايدىننىڭ ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەۋاتقانلىقى، ئەمما ترامپنىڭ ئوتتۇرىدىكى پەرقنى ئازايتىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1482520
سايلام رىقابىتىدە بايدىن ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىمەكتە، ترامپ ئوتتۇرىدىكى پەرقنى ئازايتماقتا...

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا 3 – نويابىردا ئۆتكۈزۈلىدىغان پىرېزىدېنتلىق سايلىمى ئەلرايى تەكشۈرۈشلىرى دېموكراتچى نامزات جو بايدىننىڭ ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەۋاتقانلىقىنى، نۆۋەتتىكى پىرېزىدېنت ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ نامزاتى دونالد ترامپنىڭ نۇقتىلىق رايونلاردا ئوتتۇرىدىكى پەرقنى تۈگەتكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى.

ئامېرىكادا دېموكراتچى نامزات جو بايدىن بىلەن نۆۋەتتىكى پىرېزىدېنت، شۇنداقلا جۇمھۇرىيەتچى نامزات دونالد ترامپنىڭ، پارتىيەلىرىنىڭ قۇرۇلتايلىرىدا رەسمىي شەكىلدە نامزات دەپ ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، تەرەپلەرنىڭ نەزەرلىرى ئەلرايى تەكشۈرۈشلىرىگە ئاغدۇرۇلدى.

ئامېرىكادا تارقىتىش بېرىدىغان ۋە ئىشەنچلىك دەپ قارىلىدىغان سىياسىي ئانالىز تورى «رېئال ئېنىق سىياسەتلەر»نىڭ ئەلرايى نەتىجىلىرىگە قارىغاندا، دۆلەت مىقياسىدا دېموكراتچى نامزات بايدىن رىقابەتتە ترامپنىڭ ئوتتۇرىچە %6.9 ئالدىدا ئىكەن.

بايدىننىڭ 28 – ئىيۇلدا دۆلەت مىقياسىدا %9 ئالدىدا ئىكەنلىكى نەزەرگە ئېلىنغىنىدا، ترامپنىڭ ئاستا بولسىمۇ ئوتتۇرىدىكى پەرقنى ئازايتىۋاتقانلىقى كۆرۈلمەكتە.

ئامېرىكانىڭ 59 – نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتلىق سايلىمى 2020 – يىلى 3 – نويابىر سەيشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر