باڭلادىشتىكى سۇ ئاپەتلىرىدە قازا قىلغانلار سانى 251 گە يەتتى
باڭلادېشتا مەيدانغا كەلگەن پەسىل يامغۇرلىرى پەيدا قىلغان سۇ ئاپەتلىرىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 251 گە يەتتى.
1482506
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باڭلادىش سەھىيە ۋە ئائىلە باياشاتلىقى مىنىستىرلىقى بايانات بېرىپ، 30 – ئىيۇندىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان شىددەتلىك يامغۇر پەيدا قىلغان سۇ ئاپەتلىرىدە 251 ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
باياناتتا، 57 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ پاسكىنا سۇلار پەيدا قىلغان كېسەللىكلەرگە دۇچار بولغانلىقى ئەسكەرتىلدى.
سۇ ئاپەتلىرى كۆرۈلگەن رايونلاردىكى يۈز مىڭلارچە كىشىنىڭ ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقى بىلدۈرۈلگەن باياناتتا، 5 مىليون ئادەمنىڭ سۇ ئاپىتىنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغانلىقىنى قەيت قىلىندى.
يەنە بىر تەرەپتىن، سۇ ئاپەتلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىغا يەتكۈزگەن زىيىنىنىڭ 156 مىليون 600 مىڭ دوللارغا يەتكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.