بالقان دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى ياۋروپا ئىتتىپاقىنى «ئادالەتسىزلىك قىلىش» بىلەن ئەيىبلىدى

سىلوۋېنىيەنىڭ ساھىبخانلىقىدا چاقىرىلغان 15 – نۆۋەتلىك بلېد ئىستراتېگىيە مۇنبىرى يىغىنى دائىرىسىدە، «(ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشى) برىكېست ۋە كوۋىد – 19 دىن كېيىنكى ياۋروپا» تېمىلىق باشلىقلار يىغىنى چاقىرىلدى.

1482517
بالقان دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى ياۋروپا ئىتتىپاقىنى «ئادالەتسىزلىك قىلىش» بىلەن ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يىغىنغا سېربىيە پىرېزىدېنتى ئالېكساندىر ۋۇجىچ ، كىرودىيە باش مىنىستىرى ئاندرېج پلېنكوۋىچ ، سىلوۋېنىيە باش مىنىستىرى جانېز جانسا ، ۋېنگىرىيە باش مىنىستىرى ۋىكتور ئوربان ، بۇلغارىيە باش مىنىستىرى بويكو بورىسوف ، پولشا باش مىنىستىرى ماتېئۇس موراۋىيېككى ۋە چېخىيە باش مىنىستىرى ئاندرېج بابىس قاتارلىقلار قاتناشتى.

ۋۇجىچ يىغىندا سۆز قىلىپ، غەربىي ياۋروپانىڭ بەزى مەسىلىلەردىكى قوش ئۆلچەملىرىنى ئەيىبلەپ، «مەسىلەن، بېلگرادتا پارلامېنتقا كىرىشكە ئۇرۇنغان 27 ئادەم نازارەت ئاستىغا ئېلىنسا دېكتاتورلۇق ھېسابلىنىپ، ئوخشاش سەۋەبتىن (گېرمانىيەنىڭ پايتەختى) بېرلىندا 300 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنىشى دېموكراتىيە بولىدۇ» دېدى.

كىرودىيە باش مىنىستىرى ئاندرېج پلېنكوۋىچ بولسا، دۆلىتىنىڭ 2020 – يىلى ئالدىنقى يېرىمىدا ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ نۆۋەتچى باشلىقلىقى ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەنلىكىنى خاتىرىلىتىپ ئۆتكەندىن كېيىن، بىر سەھىيە كىرىزىسى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققان بولۇشىغا قارىماي، بارلىق تۇرمۇش ساھەلىرىگە تەسىر كۆرسەتكەن كوۋىد – 19 جەريانىدا قىيىن شارائىتلاردا زور ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرگەنلىكلىرىنى ئېيتتى.

ۋېنگىرىيە باش مىنىستىرى ۋىكتور ئوربان، دۆلەتلەرنىڭ ئۆزلىرى يولغا قويغان تەدبىرلەر ئارقىلىق ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە پۈتكۈل دۇنيا يولغا قويغان چارە – تەدبىرلەر ئارىسىدا تەڭپۇڭلۇق شەكىللەندۈرۈشى كېرەكلىكىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.

ئوربانمۇ ئوخشاشلا، ۋېنگىرىيەدىكى دېموكراتىيەنىڭ گېرمانىيە ۋە ئىتالىيەدىكى بىلەن ئوخشاش ئىكەنلىكىنى، بىراق، لىبېرال مودېلىغا ئەمەس، خىرىستىيانلىق ئاساسلىرىغا تايىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ياۋروپانىڭ نۆۋەتتە مۇھىم گېئوسىياسىي ئامىل ئەمەسلىكىنى، چۈنكى ئۇنىڭ تېخنولوگىيەلىك ئۆزگىرىشلەردە «خاتا تەرەپتە» تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

پولشا باش مىنىستىرى ماتېئۇس موراۋىيېككى بولسا، ئوتتۇرا ياۋروپانىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلغانلىقى ئۈچۈن «مەسىلە پەيدا قىلغانلىقى»نى ئىلگىرى سۈرۈپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىدا تەڭسىزلىكنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ غەربىدىكى زاۋۇتلار بىلەن شەرقىدىكى زاۋۇتلارنىڭ ئوخشاش ئىمكانىيەتلەرگە ئىگە ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.

ساھىبخان باش مىنىستىر جانېز جانسا بولسا، سىلوۋېنىيەدە 2014 – يىلى ئۆتكۈزۈلگەن سايلاملاردىكى يولسىزلىقلارغا ئىپادە بىلدۈرمىگەنلىكى ئۈچۈن ياۋروپا سىياسىتىنى ئىككى يۈزلىمىچىلىك بىلەن ئەيىبلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر