دونالد ترامپ «شىنزو ئابې ياپونىيە تارىخىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ باش مىنىستىر دەپ ئېتىراپ قىلىنىدۇ» دېدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئىستىپا بېرىشنى قارار قىلغان ياپونىيە باش مىنىستىرى شىنزو ئابېنى «دۆلەت تارىخىدىكى ئەڭ ياخشى باشقۇرغۇچى» دەپ ئېلان قىلدى.

1482109
دونالد ترامپ «شىنزو ئابې ياپونىيە تارىخىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ باش مىنىستىر دەپ ئېتىراپ قىلىنىدۇ» دېدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە باش مىنىستىرى ئابې شىنزو ساغلاملىق مەسىلىسى سەۋەبىدىن ئىستىپا بېرىشنى قارار قىلغانلىقىنى جاكارلىغان بولۇپ، بۇ ھەيران قالارلىق قاراردىن كېيىن، تۇنجى رەسمىي ئۇچرىشىشنى ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن ئېلىپ باردى.

دونالد ترامپ ئۇچرىشىش ھەققىدە تىۋىتتېر ھېسابىدا بايانات ئېلان قىلىپ، «ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى تارىختىكى ئەڭ ياخشىسى بولغان شىنزو، يېقىندا ياپونىيە تارىخىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ باش مىنىستىر دەپ ئېتىراپ قىلىنىدۇ. ئۇ ئالاھىدە بىر ئادەم» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.

ئاقساراينىڭ مۇئاۋىن باياناتچىسى جۇد دىئېرېمۇ گەرچە ئابې شىنزو ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ يەنىلا ياپونىيەنىڭ كەلگۈسىدە مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «ترامپ ئابې شىنزونىڭ ئامېرىكا-ياپونىيە مۇناسىۋىتىدە قالتىس خىزمەت قىلغانلىقىنى ئېيتتى» دېدى.

دونالد ترامپ ئابې شىنزونىڭ ئىستىپا بېرىش قارارىدىن ئازابلانغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئۇنىڭغا «ئېسىل بىر دوست» دەپ باھا بەرگەن ۋە: «ناھايىتى ياخشى مۇناسىۋىتىمىز بار،  مەن بۇ نۇقتىدىن بەك ئازابلاندىم» دېگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر