بىر فىرانسۇز ئوفېتسىر رۇسىيەگە جاسۇسلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلەندى

ئىتالىيەنىڭ ناپولى شەھىرىدىكى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى – ناتو بازىسىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان بىر فىرانسۇز ئوفېتسىر رۇسىيەگە جاسۇسلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ تۇتقۇن قىلىندى.

1482008
بىر فىرانسۇز ئوفېتسىر رۇسىيەگە جاسۇسلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلەندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «ياۋروپا 1» رادىيوسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىسمى ئاشكارىلانمىغان مەزكۇر ئوفېتسىر 21 – ئاۋغۇستتا ناپولىدىكى ناتو بازىسىدىكى خىزمەت ئورنىغا قايتىشقا تەييارلىنىۋاتقاندا، رۇسىيە دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگىنىغا مەخپىي ھۆججەت ۋە ئۇچۇرلارنى بەرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، فىرانسىيە دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى خادىملىرى تەرىپىدىن نازارەت ئاستىغا ئېلىنىپ، ئۈستىدە دېلو تۇرغۇزۇلغان.

خەۋەردە، 50 ياشلار ئەتراپىدىكى مەزكۇر ئوفېتسىرنىڭ شۇ كۈنى «چەت كۈچكە ئۇچۇر بېرىش، دۆلەت مەنپەئەتىنى خەۋپكە ئىتتىرىدىغان ئۇچۇرلارنى توپلاش» بىلەن ئەيىبلىنىپ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر