خىتايدا رېستوران ئۆرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى ئاشتى

خىتاينىڭ شەنشى ئۆلكىسىدە 2 قەۋەتلىك رېستوراننىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشىشى نەتىجىسىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 29 غا ئۆرلىدى.

1481513
خىتايدا رېستوران ئۆرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي جىددىي ھەلەتلەرگە تاقابىل تۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، ۋەقەدە 59 كىشى قۇتقۇزۇۋېلىنغان ۋە بىنا خارابىلىقى ئاستىدىن 7 سى ئېغىر بولۇپ، جەمئىي 28 يارىدار تېپىپ چىقىرىلغان.

بېيجىڭنىڭ غەربىي جەنۇبىغا 630 كىلومىتىر كېلىدىغان شياڭفېن شەھىرىدە تۈنۈگۈن يۈز بەرگەن ۋەقەدە، ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 13 دىن 29 غا ئۆرلىگەن.

ئالاقىدار مەسئۇللار ئىزدەش ۋە قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى ھەمدە بىنانىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشۈش سەۋەبىنىڭ تەكشۈرۈلىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر