خەۋپسىزلىك كېڭىشى لىۋاندىكى تىنچلىق ساقلاش قىسمى ئەسكەرلىرىنىڭ سانىنى ئازايتتى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى لىۋاندا ۋەزەپە ئۆتەۋاتقان تىنچلىق ساقلاش قىسمى ئەسكەرلىرىنىڭ سانىنى ئازايتىشنى قارارلاشتۇردى.

1481215
خەۋپسىزلىك كېڭىشى لىۋاندىكى تىنچلىق ساقلاش قىسمى ئەسكەرلىرىنىڭ سانىنى ئازايتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى لىۋاندا تۇرۇشلۇق ب د ت ۋاقىتلىق ۋەزىپە ئۆتەش كۈچىنىڭ مۇددىتىنى يەنە بىر يىل ئۇزارتى، لېكىن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بېسىمى ۋە قارارنى ۋېتو قىلىش تەھدىتىدىن كېيىن، ئەسكەرلەرنىڭ سانىنى ئازايتىشنى قارارلاشتۇردى.

ب د ت ۋاقىتلىق ۋەزىپە ئۆتەش كۈچى، يېقىنقى يىللاردا ھەم ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ھەمدە ئىسرائىلىيەنڭ ھىزبۇللاھنىڭ پائالىيەتلىرىگە قارشى تىنچلىق كۈچى كۆزىتىش ۋەزىپىسىنى ئادا قىلالماسلىق ئەندىشىلىرىگە دۇچ كەلدى.

ھىزبۇللاھنىڭ رايوندىكى مەۋجۇدىيىتى ۋە پائالىيەتلىرىدىن بىئارام بولۇۋاتقان، ھەمدە «ب د ت ۋاقىتلىق ۋەزىپە ئۆتەش كۈچىگە ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە ئىقتىساد چىقىم قىلىنىۋاتىدۇ» دەپ قاراۋاتقان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ئەسكەرلەرسانىنىڭ ئازايتىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى، بۇ تەلەپكە ئاساسەن قارار ماقۇللاپ، تىنچلىق ساقلاش قىسمىدا ۋەزەپە ئۆتەۋاتقان 15 مىڭ ئەسكەرنىڭ سانىنى 13 مىڭغا چۈشۈردى.

ئىگىلىنىشىچە، 1978 – يىلى ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋاندىن چېكىنىشىدىن كېيىن قۇرۇلغان ۋە ئۇدا 42 يىلدىن بۇيان لىۋاننىڭ جەنۇبىي قىسمىدا ۋەزەپە ئۆتەۋاتقان ب د ت ۋاقىتلىق ۋەزىپە ئۆتەش كۈچىنىڭ مۇددىتى ھەر يىل يېڭىلىنىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر