كەشمىردە توقۇنۇش يۈز بەردى
ھىندىستاننىڭ جاممۇكەشمىر رايونىدا دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى بىلەن يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا مۇستەقىللىق تەرەپدارى 4 تىركەشكۈچى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندىستان تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شوپىئاندا رايونىدا دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى بىلەن تىركەشكۈچىلەر ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا، مۇستەقىللىق تەرەپدارى 4 تىركەشكۈچى قازا قىلغان، بىرى تۇتۇلغان.
ھىندىستان، 2019 – يىلى 5 – ئاۋغۇست كۈنى ماقۇللانغان تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ئاساسىي قانۇنغا ئاساسەن، جاممۇ كەشمىرنىڭ ئالاھىدە سالاھىيىتىنى بىكار قىلغان، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت تۈزۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، رايوننى مەركەزكە بىۋاسىتە قاراشلىق ئايرىم – ئايرىم ئىككى تېرروتېرىيەگە ئايرىغانىدى.
قاراردىن كېيىن، ھىندىستان دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى، جاممۇ كەشمىردە ئامانلىقنى ساقلاش ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى قويۇقلاشتۇرغان ۋە خەلق ئۈستىدىكى بېسىملارنى كۈچەيتكەن، كوچىغا چىقىش چەكلمىسىدىن سىرت يەنە، ئىنتېرنېت، تېلېفون ۋە قاتناش چەكلىمىلىرىنى يولغا قويغان، رايوندىكى يەرلىك پارتىيەلەرنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ئەزالىرىنى قولغا ئالغانىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
پولشا: زېمىنىمىزغا يادرو قوراللىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا تەييارمىز
پولشا ئۆز زېمىنىغا يادرو قوراللىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.