ترامپ: خىتاي بايدىننىڭ غەلىبە قىلىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ خىتاي رەھبەرلىرى ۋە دۆلەتلىك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ 3 – نويابىر كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان پىرېزىدېنت سايلىمىدا دېموكرات رەقىبى جو بايدىننىڭ غەلىبە قىلىشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

1480114
ترامپ: خىتاي بايدىننىڭ غەلىبە قىلىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ترامپ، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى: «مۇھىم ئۆزگىرىش: خىتاي رەھبەرلىرى ۋە دۆلەتلىك ئاخبارات ۋاسىتىلىرى 3 – نويابىر كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان پىرېزىدېنت سايلىمىدا جو بايدىننىڭ غەلىبە قىلىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئەگەر شۇنداق بولۇپ قالسا، خىتاي دۆلىتىمىزنىڭ ساھىبى بولىدۇ، ئەمما ھەرگىزمۇ بۇنداق بولمايدۇ.»

بايدىننىڭ خىتاينىڭ قوللىشى ئاستىدا سايلامدا غەلىبە قىلىشىنىڭ ئىقتىسادىي ساھەگىمۇ تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ترامپ، «بايدىن غەلىبە قىلسا، نۆۋەتتە رېكورت يارىتىۋاتقان پاي چېكى بازىرىمىز ھەقىقىي مەنىدە ۋەيران بولىدۇ» تەرىقىسىدىكى قارىشىنى ئىلگىرى سۈردى.

ترامپ، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» نىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنىڭ جاۋابكارى دەپ قاراتۋاتقان خىتاينى يېقىندىن بۇيان قاتتىق تەنقىد قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، دېموكرات رەقىبى جو بايدىننىمۇ «خىتايپەرەس» بولۇش بىلەن ئەيىبلىمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر