ئىراق باش مىنىستىرى ئىيوردانىيەگە كەتتى
ئىراق باش مىنىستىرى مۇستافا ئەلقازىمى ئىراق، ئىيوردانىيە ۋە مىسىر ئۈچ تەرەپ ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنى ئۈچۈن ئىيوردانىيەنىڭ پايتەختى ئاممانغا كەتتى.
1478897
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازىمىنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئىشخانىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەردىن تەشكىل تاپقان ھەيئەتنى باشلاپ، ئاممانغا كەتكەن باش مىنىستىر قازىمىنىڭ، ئامماندا ئىيوردانىيە پادىشاھى 2 – ئابدۇللاھ ۋە مىسىر پىرېزىدېنتى ئابدۇلفەتتاھ ئەسسىسى بىلەن ئۇچرىشىدىغانلىقى ئەسكەرتىلىپ مۇنداق دېيىلدى: «ئۈچ تەرەپ ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنىدا، 3 دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق، سودا ۋە سېلىنما مەسىلىلىرى، ھەمدە رايونلۇق ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىدۇ.»
ئىراق باش مىنىستىرى مۇستافا ئەلقازىمى، 17 – ماي كۈنى ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن، تۇنجى چەت ئەل زىيارىتىنى، ئىراندىن كېيىن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا قىلغانىدى.