فىلىپپىندىكى بومبا ھۇجۇمىدا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 15 كە ئۆرلىدى

فىلىپپىننىڭ جەنۇبىدا بىر سائەت ئارىلىقتا يۈز بەرگەن ئىككى قېتىملىق بومبا ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 15 كە يەتتى.

1478723
فىلىپپىندىكى بومبا ھۇجۇمىدا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 15 كە ئۆرلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پارتلاش يۈز بەرگەن سۇلۇ شىتاتىنىڭ جولو شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باياناتىدا، بۈگۈن نەق مەيداندا يەنە بىر ئەسكەرنىڭ جەسىتى تېپىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، يارىلانغانلارنى داۋالاشنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى ۋە ھۇجۇمنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش بىلەن چېتىشلىقى بولغان ئەبۇ سەيياف تەشكىلاتىنىڭ پىلانلىغانلىقى ھەققىدىكى سۆزلەرنىڭ تەكشۈرۈلىۋاتقانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

تۈنۈگۈن فىلىپپىندا ئارقىمۇ ئارىدىن يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمىنىڭ بىرىنچىسى جولو شەھىرىدىكى بىر سودا مەركىزىنىڭ ئالدىدا موتسىكلىتقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ۋە يەرلىك ئۇسۇلدا ياسىۋېلىنغان بومبىنى پارتىلىتىش بىەلەن تۇغدۇرۇلغان بولۇپ،  دەسلەپكى ئېنىقلاشلارغا ئاساسلانغاندا، 5 ئەسكەر ۋە 6 پۇقرا قازا قىلغان ئىدى.

ئىككىنچى قېتىملىق بومبا ھۇجۇمى بىرىنچى پارتىلاش يۈز بەرگەن جايغا يېقىن كوچىدا بىر ئايال ئادەم بومبا ئارقىلىق تۇغدۇرۇلغان بولۇپ،  ۋەقەدە ئۆزىنى قوشۇپ پارتىلاتقۇچىنى قوشقاندا،بىر ئەسكەر ۋە بىر ساقچى قازا قىلغان ئىدى.

غەربىي مىنداناۋ قىسىملىرىنىڭ قوماندانى لېيتېنانت گېنېرال كورلېتو ۋىنلۇئان ئاخباراتلارغا بەرگەن باياناتىدا، بۇ ۋەقەنى پىلانلىغۇچىنىڭ ئەبۇ سەيياف تەشكىلاتى رەھبىرى ھەبىب ساۋادجاننىڭ جىيەنى مۇندى ساۋادجان ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر