بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرىدىكى يۇقۇم ئەھۋالى ھەققىدە يېڭى مەلۇماتلار؛

دۇنيا مىقياسىدا ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 808 مىڭ 976 گە چىقتى. يۇقۇمالانغۇچىلارنىڭ سانى 23 مىليون 400 مىڭدىن ئاشتى. ئەسلىگە كەلگەنلەرنىڭ سانى 15 مىليون 934 مىڭغا يەتتى.

1477650
بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرىدىكى يۇقۇم ئەھۋالى ھەققىدە يېڭى مەلۇماتلار؛
kovid.jpg
fransa kovid.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يۇقۇمنىڭ ئەڭ كۆپ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئامېرىكادا، كوۋىد -19 سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 180 مىڭ 174 كە ۋە يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 5 مىليون 841 مىڭغا يەتتى.

كوۋىد -19 يۇقۇمىنىڭ ئەڭ كۆپ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئىككىنچى دۆلەت بېرازىلىيەدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 114 مىڭ 277 گە ۋە  يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 3 مىليون 582 مىڭغا ئۆرلىدى.

مېكسىكادا ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 60 مىڭ 254 كە ۋە  يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 556 مىڭ 216 گە يەتتى.

ياۋروپادىكى يۇقۇمنىڭ مەركىزىگە ئايلانغان ئەنگىلىيەدە  بولسا، قازا قىلغانلارنىڭ سانى 41 مىڭ 423 كە ۋە يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 324 مىڭ 601 گە ئۆرلىدى.

ئىتالىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 3 كىشى قازا قىلدى. ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 35 مىڭ 430 غا يەتتى.  يېڭىدىن  يۇقۇملانغان 71 نى قوشقاندا، يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئومۇمىي سانى 258 مىڭ 136 گە يەتتى.

ئاۋىستىرالىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن يېڭى قازا قىلغان 17 كىشىنى قوشقاندا، قازا قىلغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 502 گە ۋە يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئومۇمىي سانى 24 مىڭ 816 گە يەتتى.

كوۋىد -19 سەۋەبىدىن باشقا بىر قىسىم دۆلەتلەردە قازا قىلغانلارنىڭ سانى تۆۋەندىكىچە:

فرانسىيەدە 30 مىڭ 512 كىشى، ئىسپانىيەدە 28 مىڭ 838 كىشى، پېرۇدا 27 مىڭ 453 كىشى، كولۇمبىيە 16 مىڭ 968 كىشى ۋە چىلىدا 10 مىڭ 792 كىشى ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن قازا قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر