ئۇكرائىنانىڭ دونباس رايونىدىن قوراللىق كۈچلەر چېكىنىدۇ

رۇسىيە، ئۇكرائىنا ۋە ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىن تۈزۈلگەن ئۈچ تەرەپ سۆھبەت گۇرۇپپىسى دونباس رايونىدىن قوراللىق كۈچلەرنىڭ چېكىنىشى توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىندى.

1476127
ئۇكرائىنانىڭ دونباس رايونىدىن قوراللىق كۈچلەر چېكىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە، ئۇكرائىنا ۋە ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىن تۈزۈلگەن ئۈچ تەرەپ سۆھبەت گۇرۇپپىسى  ئۇكرائىنانىڭ دونباس (Donbas) رايونىدىكى كىرىزىسنى ھەل قىلىش توغرىسىدا تۆت رايوندىن قوراللىق كۈچلەرنىڭ چېكىنىشىدە كېلىشىم ھاسىل قىلدى.

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى ئېلان قىلغان باياناتتا، ئۆتكەن يىلى (2019) فىرانسىيە پايتەختى پارىژدىكى نورماندىيە (Normandiya) يىغىنىدا تەكلىپ قىلىنغان 20 رايوننى مېنالاردىن تازىلاش مەسىلىسىدە پىكىر بىرلىكىگە كېلىنگەنلىكى قەيت قىلىندى.

باياناتتا يەنە، تۆت رايوندىنمۇ قوراللىق كۈچلەرنىڭ چېكىنىشى مەسىلىسىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىنغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

يىغىن جەريانىدا، ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئالاھىدە كۆزىتىش كومىتېتىنىڭ باشلىقى ياشار خالىت چەۋىكنىڭ ئۇرۇشنى پۈتۈنلەي توختىتىش ئۈچۈن 2020-يىلى 27-ئىيۇلدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان قوشۇمچە تەدبىرلەر سايىسىدا، ئۇرۇش توختىتىشقا خىلاپلىق قىلىنمىغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەندى.

ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدە 2014-يىلىدىن بۇيان ئاتالمىش مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلغان رۇسىيە تەرەپدارى بۆلگۈنچىلەر بىلەن ئۇكرائىنا ئارمىيە قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇشلار داۋام قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر