ئافغانىستاندا تالىباننىڭ ھۇجۇمىدا نۇرغۇن ئامانلىق ساقلىغۇچى ئۆلدى

ئافغانىستاننىڭ شەرقىي شىمالىدىكى تاھار ۋىلايىتىنىڭ خوجا باھاددىن ناھىيەسىدە تالىباننىڭ ساقچىخانىغا ھۇجۇم قىلىشى نەتىجىسىدە 13 ئامانلىق ساقلىغۇچى بىلەن بىر ئەسكەر قازا قىلدى.

1475999
ئافغانىستاندا تالىباننىڭ ھۇجۇمىدا نۇرغۇن ئامانلىق ساقلىغۇچى ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاھار ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى باش ئىدارىسى باياناتچىسى خەلىل ئەسىرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تالىبان ئەزالىرى خوجا باھاددىن ناھىيەسىنىڭ لالە گۈزەر يېزىسىنىڭ ساقچىخانىسىغا قوراللىق ھۇجۇم قىلغان، ھۇجۇمدا 13 ئامانلىق ساقلىغۇچى بىلەن بىر ئەسكەر جېنىدىن ئايرىلغان، 4 ئامانلىق ساقلىغۇچى يارىلانغان، ھۇجۇمدىن كېيىن يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا تالىبان ئېغىر تالاپەتكەن ئۇچرىغان.

ئىگىلىنىشىچە، تالىبان تەرىپىدىن بۇ ھەقتە تېخىچە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر