مالى پېرىزىدېنتى ئەسكەرلەر تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەندىن كېيىن ئىستېپا بەرگەنلىكىنى جاكارلىدى

تۈنۈگۈن كەچتە بىر توپ ئەسكەرلەر تۇرالغۇسىدىن تۇتۇپ كەتكەن ۋە پايتەخت باماكودىن 15 كىلومىتىر يىراقلىقتىكى كاتى ھەربيىي بازىغا ئېلىپ بېرىلغان پىرېزىدېنت كېيتا دۆلەت تېلېۋىزىيەسىدە قىسقىچە نۇتۇق سۆزلىدى.

1475382
مالى پېرىزىدېنتى ئەسكەرلەر تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەندىن كېيىن ئىستېپا بەرگەنلىكىنى جاكارلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مالى پىېزىدېنتى كېيتا ئارمىيەنى تۈزەتمىگەنلىكىنى ۋە 10-ئىيۇلدىن 12-ئىيۇلغىچە ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا قازا قىلغانلارغا نىسبەتەنمۇ پۇشايمانلىق ھېس قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

پارلامېنتنى ۋە ھۆكۈمەتنىمۇ ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى تىلغا ئالغان پىرېزىدېنت كېيتا «ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرۇش ئۈچۈن قان تۆكۈلۈشنى خالىمايمەن» دېدى.

باماكوغا يېقىن ھەربىي بازىدا ئەتىگەندە ھەرىكەتلىنىش كۆرۈلگەن ۋە ھەربىي ئاپتوموبىللار پايتەختكە قاراپ ئىلگىرىلەشكە باشلىغان ئىدى.

ئارمىيەنىڭ 2 گۇرۇپپىغا بۆلۈنگەنلىكى ۋە قوزغىلاڭچى ئەسكەرلەردىن باشقا كېيتانىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئىش قىلىدىغان ئەسكەرلەرنىڭمۇ بارلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.

پارلامېنت باشلىقى مۇسا تىمبىنە، ئىقتىساد ۋە مالىيە مىنىستىرى ئابدۇللا داففە ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تېبلە درامەنىڭمۇ ئىيسانچى ئەسكەرلەر تەرىپىدىن نازارەتكە ئېلىنغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان ئىدى.

كېيتا چۈشتىن كېيىن بىر توپ ئەسكەرلەر تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن ۋە كاتىدىكى بىر ھەربىي بازىغا ئېلىپ بېرىلغان ئىدى.

مالىدا ماي ئېيىدىن بۇيان ئۆكتىچى گۇرۇپپىلار بىلەن ھۆكۈمەت ئوتتۇرىسىدا ئېغىر توقۇنۇشلار يۈز بەرمەكتە ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر