لىۋىيە ئارمىيەسى بىر تىك ئۇچارنى قولغا چۈشۈردى

لىۋىيە ئارمىيەسى سىرتە ئەتراپىدا شەرقتىكى قانۇنسىز خەلىفە ھافتەر قوراللىق كۈچلىرىنىڭ رۇسىيەدە ياسالغان «Mil Mi-17» تىپلىق بىر ھەربىي تىك ئۇچارنى قولغا چۈشۈردى.

1475528
لىۋىيە ئارمىيەسى بىر تىك ئۇچارنى قولغا چۈشۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋىيە ئارمىيەسىدىن ئېلىنغان مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، ھافتەر قوراللىق كۈچلىرى نامەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن سىرتەنىڭ غەربىگە قونغاندىن كېيىن، تىك ئۇچارنى تاشلاپ قېچىپ كەتكەن. شۇنىڭ بىلەن، تىك ئۇچار لىۋىيە ئارمىيەسىنىڭ قولىغا چۈشكەن ۋە ئەبۇ گۇرەين رايونىغا ئېلىپ كېلىنگەن.

2020-يىلى 18-ماي ھافتەر قوراللىق كۈچلىرىنى ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ۋاتىييە ھەربىي بازىسىدىن قوغلاپ چىقارغان لىۋىيە ئارمىيەسى، ئىيۇن ئېيىدىن تارتىپ پايتەخت تىرىپولىنىڭ پۈتكۈل ۋىلايەت چېگراسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان غەربتىكى بارلىق مۇھىم تۇرالغۇ رايونلىرى ۋە ئۆتۈش نۇقتىلىرىنى ھافتەر قوراللىق كۈچلىرىدىن تازىلاپ سىرتەگىچە ئىلگىرىلىگەن ئىدى.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر