خىتاينىڭ گۇاڭدوڭ ئۆلكىسى خىگوس تەيفېڭ بورىنى بىلەن بوغۇشماقتا
خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىز قىرغىقىدىكى قۇرۇقلۇققا يېتىپ كېلىپ، كۈچلۈك بوران ۋە شىددەتلىك يامغۇرغا سەۋەب بولغان خىگوس تەيفېڭ بورىنى ئىسسىق بەلباغ بورىنىغا ئايلىنىپ كەتتى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي دۆلەتلىك مېتېرولوگىيە ئىدارىسى بايانات ئېلان قىلىپ، سائەتلىك سۈرئىتى 126 كىلومېتىرغا يەتكەن تەيفېڭ بورىنىنىڭ گۇاڭدوڭ ئۆلكىسىگە قاراشلىق جۇخەي شەھىرىدىن قۇرۇقلۇققا يېتىپ بارغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
باياناتتا، تەيفېڭ بورىنى قۇرۇقلۇققا يېتىپ كېلىپ 3 سائەتتىن كېيىن، سەئەتلىك سۈرئىتىنىڭ 108 كىلومېتىرغا چۈشۈپ، ئىسسىق بەلباغ بورىنىغا ئايلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
خىتاي مەتبۇئاتلىرىدىكى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، تەيفېڭ بورىنىنىڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىغان دېڭىز بويى رايونلىرىدا 65 مىڭدىن ئارتۇق كىشى تارقاقلاشتۇرۇلغان، مەكتەپلەر تاقالغان، نۇرغۇنلىغان بېلىقچىلىق كېمىلىرى پورتقا قايتىپ كەلگەن.
خىگوس تەيفېڭ بورىنى خىتاينىڭ جەنۇبىي ساھىل رايونلىرىغا قاتتىق تەسىر كۆرسىتىپ، گۇاڭدوڭ ئۆلكىسى بىلەن خەينەن ئۆلكىسى ئوتتۇرىسىدىكى پاراخوت قاتناشلىرى توختىتىلغان.